غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار (12B)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
گېرمانىيە ميۇنخېن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئىپتىخار ئىليار ئەپەندى.
گېرمانىيە ميۇنخېن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئىپتىخار ئىليار ئەپەندى.
Photo: RFA

ئىككىنچى قىسىم: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كېلەچىكى

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتلىك ئىشلىرىدا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى زادى قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالنى تاشلىماقتا.

بۇ سوئالغا شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىدىن تۈركىيەگىچە، تۈرلۈك كەسىپ ۋە تۈرلۈك ياشتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرگىچە بولغان ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ئېلىندى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما ۋە جامائەت ئەربابى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بۇنىڭدىن بىر يىل مۇقەددەم زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۆيىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى:

«مەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە توغرا بولغان دىنىي ئېتىقاد تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مىللىي روھ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش تولىمۇ زۆرۈر، دەپ قارايمەن. بىزنىڭ خەلقىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېقىنقى يۈز ۋە يۈز ئەللىك يىلدىن بۇيان مىللىي روھ تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالغانلىقى مەلۇم. كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بىزدە ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىگە قايغۇرۇش، ئۆز دۈشمىنىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش روھى تولىمۇ سۇسلاپ كەتكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ياش ئەۋلادلارغا ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرى شۇنىڭدەك بىر قىسىم مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىمكەن. شۇڭلاشقا بىز ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە ھەم توغرا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، ھەم كۈچلۈك مىللىي روھ بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. ياش ئەۋلادلارغا بۇ ئىككى جەھەتتىكى تەربىيەنى ئېلىپ بارالىساق، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشىنى، كىملىكىنى ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ھەمدە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردىكى ئاساسىي مەدەنىيەت ئېقىمىغا ئېرىپ سىڭىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

گېرمانىيەدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ميۇنخېن تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئىپتىخار ئىليارمۇ چەتئەللەردە چوڭ بولغان ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كەلگۈسى ھەققىدىكى بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ جاۋاب بېرىش تەس سوئال ئىكەن. مەن ئۈچۈن كەلگۈسى تولىمۇ يىراق ۋە غۇۋا تۇيۇلىدۇ. بۇ ھەقتە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن چەتئەللەردە كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان بىزگە ئوخشاش باشقا خەلقلەرنىڭ تەجرىبىلىرىگە، ياشاش ئۇسۇللىرىغا قاراش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، ئۇلار بىزدىن بۇرۇن ياۋروپادا كۆچمەن بولۇپ ياشىغان. ئۇلار قانداق قىلىپ ئۆز جامائىتىنى ساقلاپ قالالىدى؟ بۇ جەرياندا ئۇلار نېمىلەرنى يوقىتىپ، نېمىلەرگە ئېرىشتى؟ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاپ ھازىرغىچە بىر ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت توپلۇقى بولۇپ داۋاملىشىپ كېلەلىشىدىكى سىر زادى نېمە؟ بۇ سوئاللارنى ئۆگەنسەك، بەلكىم بىزنىڭ كېلەچىكىمىزنىڭ قانداق بولۇشىنى مەلۇم دەرىجىدە قىياس قىلغىلى بولسا كېرەك. ئەمما، راستنى دېسەم، بۇ مەن ئۈچۈن قىيىن سوئال. كەلگۈسىمىز ھەققىدە ھازىرنىڭ ئۆزىدە كەسكىن بىر جاۋابنى بېرەلمەيمەن…»

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قەمەرىدىن قاينام ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى داۋامىدا پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەربىيەسى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ باش قاتۇرغانلىقىنى، چۈنكى ئانا تىلدىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلۇق مىللىي كىملىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ: «ئانا تىل ئىنساننىڭ بىر پارچىسى. ئىنسان ئۈچۈن ئانا تىلدىن مەھرۇم بولۇش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا مەن پەرزەنتلىرىمنى ئۆز كىملىكى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا بولغان ئانا تىل تەربىيەسىنى ئەڭ مۇھىم نۇقتىغا قويدۇم.»

گوللاندىيەدىكى «تۈرك ئۆيى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، جەمئىيەتشۇناس ۋەيىس گۈنگۈر ئەپەندى ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك مۇھاجىرەت ھاياتى ۋە بۇ جەرياندىكى تەجرىبىلىرىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە نەزەر تاشلايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەكتىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ياش ئەۋلادلىرىغا بولغان مىللىي ۋە دىنىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، باشقا قېرىنداش توپلۇقلارغا ئۆز كىملىكىنى تونۇشتۇرۇشقا ماھىر بولۇشى زۆرۈر ئىكەن.

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە «ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى» ئېچىپ، يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كېلەچىكىگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى. ئۇ، يېقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تېزلىكتە زورايدى. بولۇپمۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلادلار ئارىسىدا غەرب سىستېمىسىغا كىرگەن، ئىگىلىك تىكلەش روھى كۈچلۈك شۇنداقلا مىللىي بۇرچ تۇيغۇسى ئالاھىدە يۇقىرى بىر قىسىم ياشلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى كېلەچەككە نىسبەتەن يارقىن بىر ئۇپۇق نۇرىنى پەيدا قىلماقتا، دەيدۇ.

شىۋېتسىيەدىكى گۆتېبورگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناسلىق پروفېسسورى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە دوكتور فرېدرىك فولمان بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بۇ بىر قىيىن سوئال. مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ شىۋېتسىيەدە ياشىشى ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مەلۇم بوشلۇق مەۋجۇت، دەپ قارايمەن. ئەمما مېنىڭچە، كۆچمەن خەلقلەرنىڭ شىۋېتسىيەدە شىۋېتسىيەلىك بولۇپ ياشىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە شىۋېتلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى مەۋجۇت سىستېما شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ئۆز ۋەتىنىدە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغانلىقى، ئاساسلىق مىللەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ياشاشتىكى تەجرىبىلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، مەيلى شىۋېتسىيەدە بولسۇن ياكى ياۋروپادىكى باشقا ئەللەردە بولسۇن، بۇنداق كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت مۇھىتىغا ئاسان ماسلىشىپ كېتەلەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىختا ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا مەلۇم تارىخىي مۇناسىۋەتلەرمۇ مەۋجۇت. بۇ نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ھاياتى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن ئاكتىپ ئامىل سۈپىتىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي بىرلىكنىڭ بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ياكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق مەسىلىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىدە بىرلىككە كەلگەن ئاۋاز بولمىسا، تاشقى دۇنيانىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ھەتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن بۈگۈنكى ئاساسنىمۇ تىكلىگىلى بولمايدۇ، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يۇقىرىدا «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك رادىيو پروگراممىسىنىڭ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كېلەچىكى» ناملىق ئەڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىنى ئاڭلىدىڭلار. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر پروگراممىمىز ھەققىدىكى ئاڭلىتىشىمىز ئاخىرلاشتى. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت!

تولۇق بەت