بۇ يىل 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەزكۇر ۋەقە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈركىيەدە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى، دوكلات بېرىش يىغىنلىرى، نامايىش، چوڭ مەيدانلاردا يىغىلىش ۋە ۋاراقچە تارقىتىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەردىن سىرت تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، يازغۇچىلار ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىپ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەسلىمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىمەكتە. بۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە باشلانغان بۇ خىل پائالىيەتلەر 8-فېۋرال يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋاملاشماقچى.
«5-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تونۇلغان يازغۇچى ژۇرنالىست سادىق يالسىزۇچانلار ئەپەندى بىلەن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىسى تۇغبا دالقىلىچ خانىم رىياسەتچىلىكىدىكى «قانال ئا» تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2 سائەت داۋاملىشىدىغان «تارىخ ۋە ئىرپان» ناملىق پروگراممىسىدا 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى. بۇ پروگراممىدا تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىسى سادىق يالسىزۇچانلار ئەپەندى، تەڭرىتاغ تۈركچىلەر جەمئىيىتى رەئىسى ئالپەرەت تونگۇت ئەپەندى، ئەنقەرە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئەخمەت تاتلى ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ۋە مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
سادىق يالسىزۇچانلار ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىپ كەلگەنلىكىنى، ئىزچىل ھالدا بۇ ھەقتە ئوبزور، ماقالىلەر يازغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا كۆپ قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بۇرۇندىن تارتىپ كۆڭۈل بۆلدۈم، بولۇپمۇ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنى ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىمدا تونۇغاندىن بۇيان. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، دوكلاتلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىمدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ كىتاب ۋە ماقالىلەر ئوقۇغان ئىدىم. بىز ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم ۋە بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆگەتكەن ئىدۇق. بەلكى بىز غۇلجا ۋەقەسىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى بىلىمىز. مەن خەلقىمىزگە بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق ماقالە يازدىم تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىشلىدىم. بۈگۈنكى تېلېۋىزىيە پروگراممىمىزدىمۇ يېڭى مەلۇماتلار بېرىشكە تىرىشتۇق.»
سادىق يالسىزۇچانلار ئەپەندى خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە خىتاي توغرىسىدا خەلققە توغرا مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن بۇ خىل پروگراممىلارنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ خىل تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىنتايىن مۇھىم چۈنكى خىتاينىڭ تۈركىيەدە ۋاسىتىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتى بار. شەرقىي تۈركىستان خەلقى زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان بىچارە خەلق بولسىمۇ. خىتاي ئۆزى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپ، گۇناھنى ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ قويۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ تۈركىيەدىكى بەزى رەھبەرلەرنىڭ كاللىسىنى قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان بۇ خىل پروگراممىلار كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى توغرىسىدا توغرا مەلۇمات ئېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.»
تەڭرىتاغ تۈركچىلەر جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئالپەرەن تۇڭگۇت ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى كۈن پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى:
«بىز تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئاڭلىتىلغان ۋاراقچە تارقىتىمىز. ئەتىسى كۈنى خەلقىمىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ‹5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى› توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم، ھەر يىلى بىرقانچە قېتىم شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزىمىز. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا ۋەتىنىمىز. ھەر دائىم بۇ داۋانى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار جۈمە كۈنى چۈشتە ئەنقەرە زەپەر مەيدانىغا، 6-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا تەشكىلاتىمىزنىڭ يىغىن زالىغا كەلسە بولىدۇ.»
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى بولغان «ت ر ت ئاۋازى» جۈمە كۈنى كۈنى ئاخشام تەتقىقاتچى ھامۇت گۆكتۈرك قاتناشقان مەخسۇس پروگرامما تارقاتماقچى ئىكەن.
ئىگىلىشىمىزچە، 5-فېۋرال كۈنى چۈشتە خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 8-فېۋرال كۈنى سائەت 13 تە ئىستانبۇل سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.
5-فېۋرال كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا «غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كېچىسى» نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.