ئابلىمىت تۇرسۇن «ئۆزىمىزنى قىزىقچى چاغلىغان بىر قانچىمىز بىرلىشىپمۇ ھىسام ئاكىغا تەڭ كېلەلمەيتتۇق...»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر خەلقى مانا زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندىسىنىمۇ «ئەلۋىدا ھىسامكا...» دەپ ئۇزىتىپ قويدى. قىزىقچىلارنىڭ پىرى ھىسام ئاكا ھايات بويى كىشىلەرنى كۈلدۈرۈپ ئۆتكەن بولسا، مانا ئەمدى ئۇ ئۆزى كۈلكە ئاتا قىلغان سىزنى، مېنى، ئۇيغۇرلارنى يىغلاتتى....ئۇ خەلق قەلبىدە خۇددى مەڭگۈ خۇشال يۈرىدىغان بىر شەخس ئىدى. ئۇنىڭغا يېڭىلمىگەن بىرمۇ قىزىقچى، ئۇنىڭغا قايىل بولمىغان بىرمۇ ئەرباب بولمىسا كېرەك، ھەتتا ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان تالاي سورۇنلاردا چاقچاقلىشىپ چېقىشقان، سەھنىلەردە تەڭ ئويۇن قويغان ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان قىزىقچى، لەتىپىچى ئابلىمىت تۇرسۇن ئۇستازى ھىسام قۇربان ئاكىنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەپ «شاگىرتلار قەلبىدە ئۇ تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان ئاجايىپ ئاقىل، زېرەك ئۇستاز ئىدى» دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ ھىسام ئاكىنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئاڭلىغايسىلەر.