يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدە «ئىجادكار» ناملىق ئەدەبىي-پۇبلىستىكىلىق ۋە ئىلمىي-ئاممىباپ ژۇرنالنىڭ 3-سانى يورۇق كۆردى.
800 دانە نەشر قىلىنغان مەزكۇر ساننىڭ دەسلەپكى سەھىپىسى ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «ئۆز پايداڭنى ئويلىما، خەلقنىڭ پايدىسىنى ئويلا. خەلقنىڭ پايدىسى ئىچىدە سېنىڭمۇ پايداڭ بار» دېگەن دانا سۆزلىرى بىلەن باشلانغان.
ژۇرنالدا يازغۇچىلار، ئالىملار، ژۇرنالىستلار، مەتبەئەچىلەر ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى بېسىلغان بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيەسىنىڭ باشلىقى مالىك مۇھەممەدىنوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ژۇرنال ئالمۇتا شەھىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان باشقا ناھىيەلەردىمۇ تارقىتىلماقتىكەن. ژۇرنال ئۇيغۇر ئىجادكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرغىب قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
مالىك مۇھەممەدىنوف ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋە ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ژۇرنىلىمىز نەسرىي ۋە نەزمىي ئەسەرلەر بىلەن بىر قاتاردا خەلق ئېغىز ئىجادىيەت نەمۇنىلىرىنى، ئىلمىي-تەتقىقات خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى شۇنىڭدەك مائارىپ، مەتبۇئات، سەنئەت، تەسۋىرىي سەنئەت ساھەلىرىنىمۇ داۋاملىق يورۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. توققۇز باسما تاۋاقتىن ئىبارەت ژۇرنىلىمىز پەسىللىك نەشر ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ساندا تۇرغان توختەموفنىڭ، ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىرگە ياشلار ئىجادىيىتىگىمۇ خېلى كەڭ ئورۇن بېرىلدى. ئۇنىڭدا تۇرسۇن قاھارىينىڭ، رۇسلان ئارزىيېفنىڭ، رەخمەتجان غوجامبەردىيېفنىڭ، شۆھرەت مەسىموفنىڭ، گۈلباھار ناسىروۋانىڭ ماقالىلىرى ئورۇن ئالدى».
مالىك مۇھەممەدىنوف مەزكۇر ساندا ئۇزۇن ۋاقىت مابەينىدە «كوممۇنىزم تۇغى»، يەنى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، قازاقىستان ژۇرنالىستلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى يولداش ئەزىمەتوفنىڭ 70 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان ماقالىنىڭ ۋە ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى، قېرىنداش قازاق خەلقى ۋەكىللىرىدىن قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسىنىڭ رەئىسى، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى نۇرلان ئورازالىن ھەققىدە ماقالە ھەم ئۇنىڭ نەزمىي ئەسەرلىرى بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ كۈنلەردە جۇمھۇرىيىتىمىزدە ئۇيغۇر تىلىدا خېلى قەرەللىك نەشرلەر بېسىلىۋاتىدۇ: ‹غۇنچە›، ‹ئىنتىزار›، ‹ئاخبارات› ژۇرناللىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان قەرەللىك نەشرلەرنىڭ تەسىسچىلىرى ئاساسەن شۇ ژۇرناللارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى. بىزنىڭ ژۇرنىلىمىزمۇ بۇ جەھەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەلۋەتتە، كارۋان ماڭغانسېرى ئۇلغىيىدۇ. ژۇرنىلىمىزمۇ ئەمدىلا ئۆرە بولۇۋاتقان بىر سەبىي. ئۇنىڭ نەشردىن نەشرگە مۇكەممەللىشىپ، ئوقۇرمەن قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ژۇرنىلىمىزنىڭ تاكامۇللىشىشىغا ئۇنىڭ ھەييەت ئەزالىرى سالماقلىق تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىمۇ ژۇرنىلىمىز سەھىپىلىرىدە ئىجادكارلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى، سەنئەتكارلار ۋە رەسساملىرىمىزنىڭ پائالىيەتلىرى تەدرىجىي رەۋىشتە يورۇتۇلىدىغان بولىدۇ. بىز مۇشۇنداق يۆنىلىشتە ئىش ئېلىپ كېتىۋاتىمىز».
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، شائىرە گۈلنارە ئاۋۇتوۋا «ئىجادكار» ژۇرنىلىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەم ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئىجادىيىتىنى تەرغىب قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، مەن ئۆزۈم ئەدەبىياتچى بولغانلىقتىن مېنى ژۇرنالنىڭ ئەدەبىي قىسمى كۆپرەك قىزىقتۇرىدۇ. ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، ئىلگىرى، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ بىزدە نەشر قىلىنىشقا باشلىغان ‹پەرۋاز›، ‹ئارزۇ› ژۇرناللىرى، كېيىنچىرەك بىر ئاز ۋاقىتلا يورۇق كۆرگەن ‹دىدار› ژۇرنىلى بىۋاسىتە مانا شۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئالتۇن خەزىنىسى - خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى، كۆپ ئەسىرلىك كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە زامانىۋى ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ نەشرلەر خىراجەت قىسلىقى سەۋەبىدىن ئۆز ئىشىنى توختاتتى. ھازىر بىزدە ئىككى يىلدىن بۇيان ‹ئۇيغۇر-پېن› ژۇرنىلىمۇ نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ژۇرنالمۇ ئەدەبىياتىمىز دۇردانىلىرىنى تەرغىب قىلىشقا بېغىشلانغان. ئەمدى ‹ئىجادكار› ژۇرنىلىغا كېلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئۈچىنچى سانى چىقىۋاتقان بولسىمۇ، تېخى ئۇنى ئاياققا تۈگەل تۇرۇپ كەتتى دەپ ئېيتىش ئەتىگەن بولسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ باسقان دەسلەپكى قەدىمى يامان ئەمەس».
گ. ئاۋۇتوۋا ژۇرنالنىڭ بۇ سانىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ژۇرنالنىڭ بۇ سانىنىڭ مېنى خۇشال قىلغان يېرى، بىرىنچىدىن، ياش ئىجادكارلارغا خېلى ئورۇن ئاجرىتىلىپتۇ. ئەدەبىياتىمىزنىڭ كېلەچىكى شۇلار ئەمەسمۇ. ئاتاپ ئېيتقاندا، شائىرەم باراتوۋا، مەۋلۇتجان توختاخۇنوف، تەقدىر ئوكتيابىروف ۋە سابىرەم ئەنۋەروفالارنىڭ شئېىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈللەرگە ئارام بېغىشلايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى رومانچىلىق ئىجادىيىتى. بۇ ساھەدە ئىجاد قىلىۋاتقان يازغۇچىلارنىمۇ بارماق بىلەن ساناشقا بولاتتى. ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا يازغۇچىلاردىن ئاۋۇت مەسىموفنىڭ «قۇتراش» رومانى، شاۋكەت نەزەروفنىڭ «قارغىش تەككەن تەقدىر» رومانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر بېرىلىپتۇ. راستىنى ئېيتسام، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى رومانلىرى. دېمەك ئەدەبىياتىمىزدا رومانچىلىق ساھەسى قايتىدىن جانلىنىۋېتىپتۇ. بۇ بىزنى ئەلۋەتتە خۇشال قىلىدۇ. يەنە بىر ئېيتىپ كېتىدىغان نەرسە، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاساسىي خەزىنىسى تارىخىي ۋەتىنىمىزدە ئېكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا تونۇلغان يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ «ئاھ، قىزلار» ھېكايىسى بېرىلگەن شۇنداقلا تىلشۇناس رۇسلان ئارزىيېفنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان ماقالىسى ئورۇن ئالغان».
گ. ئاۋۇتوۋا ژۇرنالدا كېلەچەكتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدە، بولۇپمۇ يېڭىدىن تونۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىنى كۆپرەك بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ، قازاقىستانلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ ئەدەبىيات توغرىلىق كۆپرەك بىلگۈسى كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ژۇرنالغا چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قەدرىيەتلىرىنى، مەنىۋى بايلىقىنى تەرغىب قىلىشتا يەنىمۇ كۆپ ئىزدىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.
0:00 / 0:00