قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» نى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن 150 كە يېقىن كىشى 11-نويابىر كۈنى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئالامىدىن مەھەللىسىدىكى پائالىيەت سورۇنىغا جەم بولۇپ، 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 82 يىللىقى ھەمدە 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيىۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

ئاندىن سۆزگە چىققان ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىم يىغىن ئەھلىنى جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرغان. بىز بۈگۈن بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى خاتىرىلەپ ئولتۇرۇپتىمىز. ھەممىڭلارنى بۇ بايرام كۈنۈڭلار بىلەن تەبرىكلەيمەن.»

«شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» نىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار قاسىم ئالدى بىلەن «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارغا توختالدى: «1931-يىلى خۇجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدە قوزغالغان ئىنقىلاب پۈتۈن ئۇيغۇرىستان زېمىنىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى، 1933-يىلى قەشقەردە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.»

بەختىيار قاسىم ئۆز دوكلاتىدا يەنە، 1944-يىلى غۇلجادا باشلانغان شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ سەۋەبلىرى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشى قاتارلىق جەريانلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«1944-1949-يىللاردىكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. نۆۋەتتىكى شارائىتتا مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئاساسلىق بىلىملىرىنى، يەنى سىياسەتنى، ھوقۇقشۇناسلىقنى، تارىخنى، ئىقتىسادنى ھەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ياشلارغا تۈگىتىشىمىز لازىم.»

يىغىن ئاخىرىدا ئىتتىپاق جەمئىيىتى تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسەنىڭ پېشقەدەملىرىگە جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سوغىلار تارقىتىلدى.

يىغىندا يەنە 22-24-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۆرۈشى» ناملىق كونفىرىنسىيەگە قاتنىشىپ كەلگەن ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جامالىدىن ناسىرۇۋ ھەمدە 31-ئۆكتەبىر ۋە 1-نويابىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەن ئىتتىپاق گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى رەھىمجان ھاپىزلار ئۆزلىرى قاتنىشىپ كەلگەن پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھاجىمۇرات ھاشىمۇۋ تۆۋەندىكىلەرگە توختالدى: «بۈگۈنكى يىغىندا ياخشى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك پائالىيەتلەرگە ياشلارنى كۆپرەك جەلپ قىلىش ھەققىدىكى پىكىرلەرنى ناھايىتى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن. ۋەتەن ھەممىمىزگە كېرەك. بىز مۇساپىرچىلىقتا قانچىلىك جاپالارنى تارتىۋاتىمىز. ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ۋەتىنىمىز بولغاندا، بۇنداق پائالىيەتلەرنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن بۇلار ئىدۇق. ئاللاھ بۇيرۇسا بىزمۇ ھۆر، ئازاد كۈنلەرگە ئېرىشەرمىز دەپ ئۈمىد قىلىمەن.»