ۋاشىنگتوندا «ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار يەكشەنبە كۈنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان خاتىرىلەپ كەلگەن «جۇمھۇرىيەت كۈنى»نى قۇتلىدى.

پائالىيەتتە لېكسىيە سۆزلەش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، «جۇمھۇرىيەت كۈنى» خاتىرىسىگە ئالاقىدار بىلىملەر بويىچە زېھىن سىناش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پۈتكۈل پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرى ئۈچۈن 12-نويابىر ھەرقاچان ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە قۇتلىنىدىغان بىر خاسىيەتلىك كۈن ھېسابلىنىدۇ. 13-نويابىر يەكشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون، نيۇ يورك شەھەرلىرى، شۇنداقلا ۋىرجىنىيە، مارىيلاند ۋە يېقىن ئەتراپتىكى باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ كۈننى خۇشاللىق ئىچىدە بىرلىكتە خاتىرىلىدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئۇيغۇرلاردىكى «ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام» دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان مېھمانلارنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى تەييارلىغان، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى خالىس تەييارلاپ ئالغاچ كەلگەن ئۇيغۇر تائاملىرىغا تەكلىپ قىلدى.

تاماقتىن كېيىن ئېلشات ھەسەن دائىمقىدەك بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مارشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا ھەممەيلەن ھۆرمەت ئىچىدە ئورنىدىن تۇردى. مارش مۇزىكىسىغا جۆر بولغان ھالدا 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى» نىڭ ھەربىي فورمىسىنى كىيگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىككى جۈپ ئوغۇل‏، قىز ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرۈپ زالغا كىرىپ كەلگەندە پۈتۈن زالدىكىلەر بۇ مەنزىرىدىن ھاياجانغا چۆمدى.

مارش مۇزىكىسىدىن كېيىن، ئامېرىكىغا ئەڭ دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن غۇلامىدىن پاختا ئاكا سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىدە ھېلھەم ساقلىنىۋاتقان ئىككى جۇمھۇرىيەتكە ئالاقىدار خاتىرىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندى، شۇنداقلا ئۆزى ھېلىھەم يادقا بىلىدىغان بىر قىسىم شېئىرلارنى ئېيتىپ بەردى.

شۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان نۇردۇن ھاجى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ دۇنياغا كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆزىنىڭ ئەزىز جانلىرىنى قۇربان قىلغان شېھىتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، مەرھۇملارغا ئاتاپ خەتمە-تىلاۋەت قىلىش لازىملىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. جامائەت نۇردۇن ھاجىنىڭ تىلاۋىتىگە ئەگىشىپ بىرلىكتە دۇئا قىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەقسىتى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۇلار ئۈچۈن ئانچە تونۇشلۇق بولۇپ كەتمىگەن ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدە قىسقىچە ساۋات بېرىش، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقىدا مۇشۇ ھەقتە بىر ئومۇمى چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، دەپ قارالغانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوكتور ئەسئەت سۇلايمان 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنلىرى دۇنياغا كەلگەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» توغرىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە يەر ئالغان ئالاقىدار مەلۇماتلار ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.

يېرىم سائەتتىن كۆپرەك داۋام قىلغان لېكسىيەدىن كېيىن ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدە ساۋات خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە «شەرقىي تۈركىستان ئىزنىكى» تەقدىم قىلىندى.

ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇمكىن بولسا بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت، ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىغا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، سورۇن كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.