تارىختا 12-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر خەلقى قوللۇقتىن، ئاسارەتتىن ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ ئېلان قىلغان تارىخى بىر كۈندۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇ مۇبارەك كۈننى خاتىرىلەپ ھەر خىل مەزمۇنلاردا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. شۇ جۈملىدىن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 12-نويابىر 1933-يىلى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئەنۋەر قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغوزخان، جەمئىيەتنىڭ باش مۇپەتتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، دىنى ئالىم ئىبراھىم داموللام، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جەلال ئەرباي قاتارلىق رەھبەرلەر، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا پىكىر-بايان قىلىپ، «1933 ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنى بىزگە باغلايدىغان بىر كۆرۈك بولۇشى ۋە بىزنى ئۇ كۆرۈكتە مېڭىشقا نائىل قىلىشى ھەقىقەتەن بىر پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بىر ئىش» دېدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە «1933-يىلى قەشقەردە 1944-يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، قەھرىمان ئەسكەرلەر، رەھبەرلەر، ئالىم پىشقەدەملىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇلارنى ياد ئېتىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىزگە ئۈلگە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمىز. ئۇلارنىڭ يولىنى ئېتىراپ قىلىمىز، يولىنى يولىمىز دەپ بىلىمىز، ئىشىنىمىز ۋە ئەگىشىمىز» دېدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە،«ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش جەريانىدىكى غەلىبىلىرى ۋە ئۇتتۇرۇپ قويغان مەغلۇبىيەتلىرى بىزگە دەرس بولىدۇ» دېدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ھەقلىق بىر داۋا ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئوقۇم، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، دۆلەت گېربى، دۆلەت شۇئارلىرىدا يېزىلغان ئىسلامىيەت، ئازادىيەت، ئادالەت ۋە قېرىنداشلىق دېگەن شوئارلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي ھۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەينى زاماندا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم «ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئەجدادلارنى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئۈلگە قىلىش، يېتەرسىزلىكلىرىدىن دەرس چىقىرىپ بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەت جەريانىدا دىققەت قىلىش. ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىش ئىزلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا كۆرسەتكەن ئىككى چوڭ تۆھپىسى ۋە غەلىبىسى بارلىقىنى، ئۇلار بولسا تۇنجى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان قاراخانىيلار دۆلىتى تۈرك ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرى بولسا ئاسىيادا تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەت نامىدا قۇرۇلغان 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم سۆزىدە يەنە تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەلىبە قىلالماسلىقى سەۋەبى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى ۋە ئابدۇقادىر دامولامنىڭ، بىر مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىل نېمە دەپ سوئال قويۇپ، جاھىلىيەت ۋە ئىتتىپاقسىزلىق دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە 1933- ۋە 1944-يىلى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ سەۋەبى جاھىلىيەت ۋە ئىتتىپاقسىزلىق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبە قىلالماسلىقىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى بولسا ئىتتىپاقلىشالماسلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئېنىق تونۇپ يېتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغۇچى ئەجدادلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن، ھەقىقەتەن بىز ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك، پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدا توختىماي، ئۇلارنىڭ تۆككەن قان-تەرلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىپ ئادا قىلىش ئۈچۈن مېڭىش كېرەك بولغان بىر كۈن.»
ئىبراھىم داموللام سۆزىدە، تارىختا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنى خاتىرىلەش، ئۇلارغا دۇئا قىلىش ئاساس مەقسەت ئەمەس، بەلكى ھۆرىيەت ئۈچۈن ئەجدادلار قانداق جان پىداكارلىق قىلغان بولسا، بىزمۇ ھەم شۇلارنىڭ ئىزىدا مېڭىپ جان پىداكارلىق قىلىش دېمەكتۇر، دېدى.
2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن تاماق زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.