12-نويابىر كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بىلەن شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە تورونتو شەھىرىدە، 1933-يىلى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان سابىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ 83 ۋە 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇراسىم شەرقى تۈركىستاننىڭ دۆلەت گېمنى بىلەن باشلاندى. دۆلەت گېمنى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى.
ئامېرىكىدىن ئالاھىدە بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابلاجان لەيلىنامان ئەپەندى مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئابلاجان لەيلىنامان ئەپەندى مۇراسىمدا، ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇدا ئىككى قېتىم قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇ يەنە شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھەق تەلەپ داۋاسى شۇنداقلا زېمىن داۋاسى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
تارىختىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا "ياشىسۇن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" دەپ سۆز ئالغان، شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئىستراتېگىيىلىك نىشانى ھەققىدە توختالدى.
مۇراسىمدا يەنە، ئامېرىكىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كېلىپ قاتناشقان تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندى، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەھۋالى شۇنداقلا خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆپىيىش نىسبىتى سېلىشتۇرۇلغان ئىلمىي دوكلاتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
مۇراسىمدا يەنە، كانادا شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ھاجى مامۇت، مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباس قاتارلىقلار 1933- ۋە 1944-يىللىرى قەشقەر ۋە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ غۇلىشىدىكى سەۋەبلەر شۇنداقلا ۋەتەن ۋە ۋەتەنسىزلىك ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرىسىدا لىكسىيەلەر سۆزلەپ ئۆتتى.
مۇراسىم ئاخىرىدا، شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن تەييارلىغان ھەدىيە گۇۋاھنامىسىنى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تورونتودا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
