تۈركىيەدە «كۆكەن» ناملىق گېزىت نەشر قىلىنماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.03.09
Qutluq-derwish-koken-gezit.jpg قۇتلۇق دەرۋىش ئەپەندى تۈركلەرگە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئۆزى چىقارغان «كۆكەن» يەنى يىلتىز ناملىق گېزىتنى ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈرك خەلقى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگىمۇ ئېرىشمەكتە. تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما بەزى تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ. 2010-يىلى ئۈرۈمچىدىن مالايشىيا، تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قۇتلۇق دەرۋىش ناملىق بىر ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ يالوۋا ۋىلايىتىدە «كۆكەن» يەنى يىلتىز ناملىق گېزىت نەشر قىلدۇرغان. 2016-يىلىدىن تارتىپ چىقىرىلىۋاتقان گېزىت ھازىرغىچە 7 سان نەشر قىلىنغان بولۇپ، گېزىتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، ھازىرقى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. گېزىتتە يەنە، چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

بىز «كۆكەن» يەنى يىلتىز گېزىتى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن گېزىتنىڭ قانۇنىي خوجايىنى قۇتلۇق دەرۋىش ئەپەندى ۋە گېزىتنىڭ بەزى مۇشتەرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

قۇتلۇق دەرۋىش ئەپەندى تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا ئوڭچى تۈركلەردىن باشقا تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن «كۆكەن» ناملىق بىر گېزىت چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

قۇتلۇق دەرۋىش ئەپەندى ھازىرغىچە 40-50 مىڭ ئەتراپىدا گېزىت تارقاتقانلىقىنى، ئۆزى يالغۇز ۋېلىسىپىت بىلەن ھەرقايسى مەكتەپ، ئىدارە، جەمئىيەت ۋە ئۆيلەرنى ئايلىنىپ گېزىت تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇتلۇق دەرۋىش ئەپەندى گېزىتكە «كۆكەن» دەپ نام قويۇشى، تۈركلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

قۇتلۇق دەرۋىش ئەپەندى تۈركىيەدە گېزىت سېتىش جەريانىدىكى ئۇنتۇلماس بىر خاتىرىسىنى كۆز يېشىنى تۆككەن ھالدا ئاڭلاتتى.

شەرقىي تۈركىستان خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا بۇنداق بىر گېزىت چىقىرىشنىڭ ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ گېزىتنى سېتىۋېلىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىۋاتقان سائادەت پارتىيەسى بۇرسا ۋىلايەتلىك شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مەمەت ئەپەندى، گېزىتتىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دەۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇيغۇرلار 1993-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى گېزىتى» نامىدا گېزىت چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن كېيىن توختاپ قالغان. 2004-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىن مەمەتئىمىن باتۇرخان ئەپەندى «ئىستىقلال» نامىدا گېزىت چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، سالامەتلىكى ياخشى بولماي قېلىپ نەشردىن توختاپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.