ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پائالىيەتلەر قايتا كۆپىيىشكە باشلاندى. 12-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

ئۇ، دوكلاتىنىڭ بېشىدا ئالدى بىلەن، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«مەن 4 يىلدىن بېرى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە قىرغىزىستان تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدىم، بۈگۈنكى دوكلاتىم قىرغىزىستان توغرىسىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. نېمىشقا شەرقىي تۈركىستان تېمىسىنى تاللىدىم؟ قىرغىزىستاندا تۇرغان 4 يىل جەريانىدا دوستۇم ئىسمائىل دوغان ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ «ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن باردۇق. ئۈرۈمچىدىن قەشقەر ۋە يەكەنگىچە 21 كۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئايلاندۇق. مېنىڭ ئۈچۈن قىرغىزىستاندا تۇرغان 4 يىلچىلىك قىممەتلىك 21 كۈن بولدى. مەن ئۇ يەردە ھەر كۈن خاتىرە يازدىم. بۇ ھەقتە كىتاب يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن.»

پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە، بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «20 كۈن ناھايىتى ياخشى ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشەنگۈسىز سۆيگۈ ۋە قىزغىنلىقى بىلەن كۈتۈۋېلىندۇق، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە خىتايلارنىڭ قىيىن ‏- قىستىقىغا ئۇچرىدۇق، يەنى، 21-كۈنى خىتايلارنىڭ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدۇق. مەن ئۇ كۈن بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا شەرقىي تۈركىستانغا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا يەر بېرىمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم، ئەلۋەتتە بۈگۈن تۈركىيەنىڭ چېگراسى بولغان سۈرىيەدە، شەرقىي رايونلاردا مەسىلىلىرىمىز بار. ئەمما تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى ئەڭ چوڭ مەسىلىمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى.»

ئۇ، دۇنيادىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بىرىنچى مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ھەر بىر تۈركىي خەلق كىشىنىڭ بىرىنچى مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. دوكلاتىمنىڭ ئاخىرىدا سىلەرمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىسىلەر. چۈنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قىسمەنمۇ بولسا ئەركىنلىكى بار، ئەمما بىر مىللەتنىڭ پەقەتلا ئەركىنلىكى يوق، ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدۇر. مەن بۈگۈن كۆرسىتىدىغان رەسىملەردىكى يېزىلار تۈركىيەدىكى يېزىلارغا ئوخشاش، ئەمما بۇلار تۈركىيەدىن 5-6 مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېزىلىرى.»

پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان كۆپ دۆلەت بىلەن چېگرىداش. بۇ زېمىننىڭ كۆپىنى تەكلىماكان چۆلى قاپلىغان بولۇپ، ئىنسان ياشاشقا بولىدىغان زېمىن يەنىلا ئاز. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالتىدەن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ئىشلىتىۋاتقان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ كۆپى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدىغان بولغاچقا، خىتاي دۆلىتى 1950-يىللاردىن تارتىپ رايونغا خىتاي يۆتكەش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. رەسمىي ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ھازىر نوپۇسىنىڭ يېرىمى خىتاي نوپۇسىدىن تەشكىل تاپىدىكەن. 1940-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي نوپۇسى 5-6% ئىكەن، ھازىر بەكلا كۆپىيىپ كەتكەن. ئاقسۇدا بىر تاكسىچى بىزگە يىغلاپ تۇرۇپ، ‹مەن كىچىك ۋاقتىمدا بۇ يەردە خىتاي يوقتى، ئەمدى ئۇيغۇرلار قالمىغىلى تۇردى› دېدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى تېزلا ئۆزگىرىۋاتىدۇ.»

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى دوكلاتىدا، تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەدەنىي مىراسى بولغان بېزەكلىكتىكى مىڭئۆيلەر، قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ئۈچىنچى ھۆكۈمدارى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسى ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە ئۇ يەرلەردە چۈشكەن رەسىملىرىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ دوكلاتى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 500 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى دوكلاتنىڭ ئاخىرىغىچە دىققەت بىلەن ئاڭلىدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىكروفونىمىزنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزاتتۇق. غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كەسپى ئوقۇغۇچىسى فەيزانۇر ئەردال دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما بۇنچىلىۋالا قېيىن ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئەركىنلىكلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنالمايۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ يەرگە بېرىشنى ئويلىغىلى تۇردۇق.»

دۇيغۇ كەلەش ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى ئۆز تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننى بىلەتتۇق، ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. بۇنداق قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرۇقلۇق ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى قوغداپ قالغانلىقلىرى ئۈچۈن، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارنى چەتئەلگە ئەۋەتىپ، بالىلىرىدىن ئايرىلىۋېتىپتۇ، بىزگە ئىشىنىدىكەن. مەن ئوقۇپ ياخشى يەرلەردە ئىشلەپ ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشنى، بىر نەرسىلەر قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.»

پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ تۈركىيە-قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى بەرگەن «ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي تەتقىقات تېمىسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا، مەزكۇر مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىراتلىرىدىن ئارىيەلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.