قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى مەجرۇھ بالىلارنى رىغبەتلەندۈردى

0:00 / 0:00

15-ئىيۇن ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن مەجرۇھ بالىلارنىڭ رەسىم مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر بالىلارمۇ قاتناشقان ۋە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغان. مۇسابىقە «ئاتاكېنت» كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مۇسابىقىنى «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالمۇتا ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇر مەجرۇھ بالىلارنى ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى كۈچلۈك قوللىغان ۋە رىغبەتلەندۈرگەن.

ئۇيغۇر رەسساملىرى كۆرگەزمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ھاكىمجان گۇلىيېف بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇسابىقىنىڭ مەجرۇھ بالىلارغا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى، سانائەتچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىكى خادىملىرى بىرلەشمىسى، «نۇر-ئاگرو» خەيرخاھلىق فوندى، «دۇنيا-ئارت» ئۇيغۇر رەسساملىرى كۆرگەزمىسى، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزى ۋە باشقىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئۆتكەن مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىققانلار ياش ئەۋلادنى، بولۇپمۇ مەجرۇھ بالىلارنى غەمخورلۇق ئاستىغا ئېلىشنىڭ چوڭ ئالىيجاناب ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «دۇنيا-ئارت» ئۇيغۇر رەسساملىرى كۆرگەزمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ھاكىمجان گۇلىيېف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلدى.