«مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

«مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» ناملىق كىتاب مەرھۇم سىياسىي رەھبەر ۋە ھەربىي قوماندان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋاپاتىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

بۇ كىتاب مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرىدىن تاللانما بولۇپ، كىتابنىڭ باش قىسمىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۈرەش ھاياتى، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي ۋە دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن بىر قىسىم خاتىرە رەسىملىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىگە ئابدۇجېلىل تۇران تەرىپىدىن ھازىرلانغان مەرھۇم يېتەكچى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتىدىن ئارىيە يېزىلغان.

كىتابنىڭ كېيىنكى قىسمىغا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سىياسىي ھاياتى توغرىسىدا ئۆزى يازغان بىر قىسىم ئەسلىمىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

كىتابتا يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كۈرەش ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر، ئىلى ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، نەنجىڭدىكى ھاياتى، ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەت ھاياتى ۋە ئافغانىستاندا يازغان ئەسلىمىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

كىتابتا يەنە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلغان تۇنجى خىتابى يېزىلغان.

كىتابنىڭ داۋامىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان.

400 بەتلىك بۇ كىتابتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىستېلاسى، خىتايلارغا قارشى كۈرەشلەر، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى دېگەن تېمىلاردا توختالغان.

كىتابتا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1901-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە خەلىپىلىك ھويلا مەھەللىسىدە ئوتتۇراھال ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922-يىلىدىن 1933-يىلغىچە خوتەن ۋە قاراقاشتا مۇدەررىس بولغان. 1932-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى قاراقاشتا باشلانغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلغان. 1932-يىلى ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. 1940 يىلى كابۇلدا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نى يېزىپ تاماملىغان. 1943-يىلىدىن 1945-يىلغىچە چۇڭچىڭدا تۇرغان. 1947-يىلى قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇنداقلا «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئىلمىي ھەيئەت رەئىسى، ئۈرۈمچى دارىلفۇنۇنىنىڭ پەخرى پروفېسسورى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1949-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان چىن كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندا، ئائىلىسى ۋە بىر قىسىم سەپداشلىرى بىلەن ئىككىنچى قېتىم ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. 1952-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. 1953-يىلى تۈركىستان نامدا ئايلىق ژۇرنال چىقارغان. 1956-يىلى تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تىللاردا «تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنال چىقارغان. ئەرەب ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ۋەتەن داۋاسىنى ئاڭلاتقان. 1952-يىلىدىن باشلاپ دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەكىلى بولغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەككە، باغداد، كاراچى، تېھران ۋە قاھىرە قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلىرىغا قاتناشقان. 1958-يىلى دۇنيا جامائىتىنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلغان.

مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈش ۋاقتى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەرھۇمنىڭ جىنازىسى رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئەسرى مازارلىقىغا دەپىنە قىلىنغان.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ پۈتۈن ھاياتى دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدا جاپا-مۇشەققەتلىك، تىللارغا داستان بولىدىغان كەسكىن كۈرەشلەر بىلەن ئۆتكەن. ئۇ شەخسىي ھاياتىدا مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئاددىي-ساددا ياشىغان.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.