تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە 150 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ساپانچا كۆلى بويىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا رەسساملار ئۇچرىشىشىغا قاتناشماقتا.
6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ، كۆپ ساندا تونۇلغان رەسساملار قاتناشماقتا.
بۇ پائالىيەتنى مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خەلقئارالىق رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ بىر يەردە جەم بولغان تونۇلغان رەسساملار سىزغان رەسىملەر تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلىرىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
بىز بۇ كۆرگەزمە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
ئۇ بىزگە، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ۋاقتىدا پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئازسانلىق مىللەت رەسساملار كۆرگەزمىسىلا قاتنىشالايدىغانلىقىنى، ئەمما چەتئەلدە تالانتىغا تايىنىپ تۇرۇپ، دۇنيادا تونۇلغان رەسساملار بىلەن بۇ ئۇچرىشىشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
