غۇلجا يولىدا ئاتاقلىق شائىر مەخمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈردى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «غۇلجا يولى» دەپ نام ئالغان يولنىڭ 52 كىلومېتىرىدا يەنە بىر ئۇيغۇر نامايەندىسىگە يادىكارلىق ئورنىتىلدى. 27-ئىيۇندا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق تەشكەنساز كونا قەبرىستانلىقىدا ئاتاقلىق شائىر مەخمۇت ئابدۇراخمانوفنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئېچىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. مەرھۇمغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن مۇراسىم رىياسەتچىسى ئابدۇللام سامساقوف شائىر ۋە ئالىم. ئابدۇراخمانوفنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن سۆزگە چىققان ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ ئىچكى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۆمىنجان ئىسلاموف، ھەيكەل ئورنىتىش ۋە مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ھەيئىىتىنىڭ باشلىقى بەھرىم غىلاۋدىنوف شائىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، پۈتكۈل ناھىيىنىڭ مەخمۇت ئابدۇراخمانوف ئوخشاش ئەدىبلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇراسىم «نازۇگۇم» كافېيخانىسىدا داۋام قىلىپ، ئۇنىڭدا سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ باشقارما كاتىپى سۇلتان قالى ئوغلى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىروف، «ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف، «ئاسىيا بۈگۈن گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ مۇدىرى ساۋۇتجان سونۇروف، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇخرۇللام قۇرۋانباقىيېف، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتلىرى رابىك ئىسمايىلوف، پاتىگۈل مەخسەتوۋا، شائىر ۋە يازغۇچىلار ئابلىز ھېزىم، مالىك سادىروف، ئالىمجان باۋۇدىنوف، ھەيكەلتاراش رۇستەم شاماخۇنوف، شۇنداقلا ئەدىبنىڭ يۇرتداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە باشقىلار م. ئابدۇراخمانوف ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرىم غىلاۋدىنوف مەزكۇر مۇراسىم ھەم م. ئابدۇراخمانوف ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ قويۇلغان ھەيكەل يالغۇز بىر ئادەمنىڭ ياكى بالا-چاقىلىرىنىڭلا ئىشى ئەمەس، بۇنىڭغا پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى، خۇسۇسەن، ئالماتادا ياشاۋاتقانلار بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، ئەنە شۇ ئالىيجاناب ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇنىڭغا ئاساسەن كۈچ چىقارغانلار مەخمۇت ئاكا ۋە كومپوزىتور سېلىماخۇن ئاكا قۇرۇپ كەتكەن مەشرەپ ئەھلى، يەنى شۇلارنىڭ ئىنىلىرى شۇ ھەيكەلنى بەرپا قىلدى. مەخمۇت ئاكا دېگەن كىم؟ مەخمۇت ئاكا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىن چىققان، ئاساسەن 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ناھايىتى چوڭ پائالىيەت كۆرسەتكەن سەككىز قىرلىق، بىر سىرلىق ئادەم، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇ چوڭ ئالىم: فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور. ئىككىنچىدىن، ئۇ ئەجايىپ چوڭ ئىدرەكلىك شائىر. ئۈچىنچىدىن، ئەجايىپ ئىنسان. مەخمۇت ئاكا پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ دىلىغا يورۇق چۈشۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ كەتكەن بولسا، ئەمدى بۇ تاشتا ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قىياپىتى ساقلىنىپ قالغۇسى.»

مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسلىرى م. ئابدۇراخمانوف سۆزلىرىگە يېزىلغان ناخشىلارنى ئىجرا قىلدى. قارىتورۇق يېزىسى ئاۋۇت ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇدى.