4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» رەسمىي باشلاندى

0:00 / 0:00

2008-يىلىدا مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى تەسىس قىلغان ئىدى.

مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ 4-نۆۋەتلىكى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تارمىقىدىكى تۈركىيەنى تونۇتۇش فوندى بىلەن تۈرك دۇنياسى ۋەخپىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تېما تاللىشى ئەركىن بولۇپ، قاتناشقۇچىلار خالىغان تېمىنى خالىغان تۈركىي تىلىدا ھېكايە يېزىپ ئەۋەتسە بولىدىكەن. بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار يازغان ھېكايىلىرىنى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئەۋەتسە بولىدىكەن. مۇسابىقىگە ئەۋەتىلگەن ھېكايىلەر باھالىنىپ، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. مۇسابىقىنىڭ خەلقئارالىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 2016-يىلى 12-ئايدا قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بىز «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بىز مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ 4-نۆۋەتلىكىنى ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. تۇنجى قېتىملىقى مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭىنچى يىلى بولغان 2008-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. شۇ يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىگە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكىلەر قاتناشسا بولىدۇ.»

ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۈھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ ھېكايىلەرنى ھەرقانداق بىر تۈركىي تىلىدا يازسا بولىدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈركىي تىللاردا يېزىلغان ھېكايىلارنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىدۇر. تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەر پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئانسىكلوپىدىيەسى. مەخمۇت قەشقىرى نامىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە بولغاچقا پۈتۈن تۈركىي تىللاردا ھېكايە يېزىپ ئەۋەتسە بولىدۇ. بۇرۇنقى يىللاردا 15 دۆلەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىلمۇ كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ھەر قايسى تۈركىي تىللاردا ھېكايە يازغانلار ئۆز دۆلەتلىرىدە ھېكايىلىرىنى بۇ كومىتېتلارغا بەرسە بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلاردا تاللانغان ھېكايىلەر تاللىنىپ، تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈركىيەدە باھالىنىدۇ، باھالاش نەتىجىسىدە بۇ مۇسابىقىنىڭ 1-2-ۋە 3-بولغانلىرى بېكىتىلىدۇ.»

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى در. ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندى مۇسابىقە ئاخىرىدا مۇكاپات تارقىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالماتادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بۇرۇنقى مۇسابىقىدە كىم بىرىنچى بولغان بولسا ئۇنىڭ دۆلىتىدە مېدال تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 3-نۆۋەتلىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىدە قازاقىستانلىق يازغۇچى نۇرغەنى ئوراز بىرىنچى بولغان ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى ئالماتادا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. «تۈركىيە، قىرىم، گاگاۋۇزىيە، قاراچاي-بالقار، قۇمۇق رايونلىرى ۋە ئەزەربەيجان، تاتارىستان، باشقۇرتىستان، ئىراق، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، گرېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھېكايىلەرنى باھالاش گۇرۇپپىلىرى قۇرۇپ چىقتۇق. بەزى دۆلەتلەردە تېخى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرالمىدۇق، قۇرساق ئېلان قىلىمىز.»

ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا تېخى باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئەگەر ئۇيغۇرچە ھېكايە بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقانلار بولسا ئەنقەرەدە ھېكايە باھالاش كومىتېتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدا تېخى بىر باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرالمىدۇق. ئەمما ئۇيغۇرلار ھېكايىسىنىavrasyayazarlarbirliki@gmail.com، ئادرىسىگە ئەۋەتسە ئەگەر باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا تېگىشلىك ساندا ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە كەلسە، بىز ئۇيغۇرچە ھېكايىلارنى باھالاش كومىتېتى قۇرىمىز. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشتۇرغان ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر 17 كىشىدىن تەركىب تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالىنىدىغان بولۇپ، ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان كىشىگە 15 مىڭ تۈرك لىراسى، ئىككىنچىگە ئون مىڭ تۈرك لىراسى، ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان كىشىگە بولسا يەتتە مىڭ بەش يۈز تۈرك لىراسى مۇكاپات بېرىلىدىكەن. ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ كىشىگە 2500 تۈرك لىراسى پۇل بېرىلىدىكەن.

بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالىغانلار ھېكايىلىرىنى پوچتا ياكى ئېلېكترونلۇق پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتسە بولىدىكەن. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنمىغان ماقالىلەر بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھېكايىنى خالىغان تېمىدا يېزىشقا بولىدىكەن. ماقالە 30-35 مىڭ سۆزدىن تەركىب تاپقان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ماقالىدە ئاپتورنىڭ تەخەللۇسى يېزىلغان بولۇشى، ئىسمى ياكى ئادرېسى يېزىلماسلىقى كېرەك ئىكەن. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى تەخەللۇسى، ئادرېسى، قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە بىر پارچە رەسىمىنى ئايرىم بىر كونۋېرتقا سېلىپ www.ayb.org.tr دېگەن تور ئادرېسىغا ئەۋەتىشى كېرەك ئىكەن. ماقالىنى قەغەزگە 6 نۇسخا يازدۇرۇپ «كد» گە ئېلىپ ئەۋەتىشى كېرەك.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ھالدا ئۆتكۈزمەكتە. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى»گە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

بۇ مۇسابىقە 2008-يىلى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ يىل 4-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلمەكتە.