چاغان كېچىلىكىدىكى ئۇيغۇر-خىتاي ئىناقلىق پروگراممىلىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.01.30
uyghurda-chaghan-panus.jpg «باۋدى» بازىرىدا شەھەر ئاھالىلىرى چاغانلىق ئاسما بۇيۇملارنى تاللاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 16-يانۋار، كورلا.
uy.ts.cn

خىتاينىڭ 2017-يىللىق چاغان كېچىلىكىدىكى ئۇيغۇر-خىتاي ئىناقلىقى تەشەببۇس قىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەدھىيىلەنگەن پروگراممىلىرى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «ئۇيغۇر-خىتاي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ۋەزىيەتنىڭ سىمۋولى» دەپ مەدھىيەلەندى. ئەمما خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا، بۇ يىللىق چاغان كېچىلىكىدىكى پروگراممىلار خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىك تارىخىدىكى ئەڭ قىزىللاشقان «ساختا مىللىي ئىناقلىق مەدھىيىلەنگەن» تېتىقسىز پروگراممىلار بولغانلىقى قەيت قىلىنىپ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ يىللىق چاغانلىق كېچىلىك ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىدىغان بۇنداق سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئىناقلىق مەدھىيەلىنىدىغان، مۇقىملىق تەكىتلىنىدىغان تەشۋىقات خەۋەرلىرى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خەلق تورى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىنىڭ بۇ يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ھەققىدە يېزىلغان «چاغانلىق كېچىلىكتە مىللىي ئىناقلىق روھىنى نامايان قىلغان ‹توردىكى چولپان تەخەي يۇرتىغا قايتتى›، ‹خۇشال-خۇرام چاغاننى تەبرىكلەيلى› ناملىق ئىتوتتا تەڭرىتاغ مۇھەببىتى مەدھىيەلەندى» سەرلەۋھەلىك ماقالىلىرىدە چاغان كېچىلىكىدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ئەكس ئەتكەن سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى مەدھىيەلەندى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئەكسىچە، خىتاي تورداشلىرى 2017-يىللىق چاغانلىق كېچىلىك ھەققىدە يازغان ئىنكاسلىرىدا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقات تۈسى بارغانچە قويۇقلاشقان چاغانلىق كېچىلىكلەردىن ھەقىقىي بەدىئىي زوق ئالالمىغىنى ئۈچۈن پروگراممىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈشكە رايى يوقلۇقى ھەتتا كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاينىڭ سىننا تورىدا بۇ يىللىق چاغان كېچىلىكىنى تەنقىدلىگەن تورداشلار يەنە، نۇقتىلىق ھالدا چاغانلىق كېچىلىكتە مەدھىيەلەنگەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە كومپارتىيىسىدىن مىننەتدارلىقى، ساختا بەخت تۇيغۇسى ۋە مىللىي ئىناقلىق مەدھىيەلەنگەن پروگراممىلار ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تېتىقسىز سىياسىي تەشۋىقاتلىرىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۇڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى تەنقىدلەپ «مەن 80-يىللاردىكى دېڭ شاۋپىڭ زامانىدىن تارتىپلا چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ھەر دەۋردىكى چاغان كېچىلىكىدە سىز دىڭ شاۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ۋە ھازىرقى دۆلەت رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر لىنىيىدە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. مەن كۆرگەن چاغان كېچىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بىر سىياسىي مەزمۇنى بار، ئۇ بولسىمۇ كومپارتىيە رەھبەرلىكىنى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئاتالمىش بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش. مېنىڭچە، يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ھەرگىزمۇ خەلقنىڭ سەنئەت كېچىلىكى ئەمەس، بەلكى كومپارتىيىنىڭ سەنئەت كېچىلىكى، كومپارتىيىنىڭ بايرىمى. يەنى كومپارتىيىنىڭ خەلققە مەنىۋى جەھەتتىن مەست قىلغۇچى زەھەرلىك تۇماننى ئوق قىلىپ ئاتىدىغان، خەلقنى بۇ خىل مەنىۋى زەھەرنى ئەفيۈنغا خۇمار بولغاندەك سۈمۈرۈشكە مەجبۇرلايدىغان سىياسىي تەشۋىقات كۈنى» دېدى.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقات تۈسى قويۇق بولغان سەنئەت پروگراممىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ خىتاي تورداشلىرى تەنقىدلىگەندەك، مەخسۇس پۇقرالارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش مەقسىتىدىكى «مەنىۋى ئەفيۈن» بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى تېڭىش، ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي ئادەت ۋە مىللىي روھىنى ھاقارەت قىلىدىغان چاكىنا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلۇق مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

زۇبەيرە خانىم يەنە، خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا خىتاي تورداشلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان بۇ خىل مىللىي كەمسىتىش ۋە ھاقارەت تۈسى قويۇق بولغان سەنئەت پروگراممىلىرىغا قارىتا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تورداشلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ شۇ قەدەر ئازلىقى دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى نۆۋەتتە بۇ خىل بۇرۇقتۇم ھالەتكە مەھكۇم قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھالەت ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقىنى، مىللىي غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان، قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا بولغان قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.