قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى «ئوغۇزخان. ئەۋلادلار» ناملىق كىتاب بىلەن تونۇشتى

0:00 / 0:00


7 - ئاپرېل كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان «پور - باجىن» رېستورانىدا يازغۇچى مىرغىياس ياقۇپوفنىڭ رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغان «ئوغۇزخان. ئەۋلادلار» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن بۇ مۇراسىمغا ئۇيغۇر ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى، يۇرت - جامائەتچىلىك، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن مېھمانلار قاتناشتى. مۇراسىمنى «ئىنايەت» بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغانجان روزاخۇنوف ئاچتى ھەم كەلگەن مېھمانلارنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىسى ئەدەبىياتشۇناس ئالىم رابىك ئىسمايىلوف م. ياقۇپوفنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي، ئەدەبىي پائالىيىتى ھەققىدە دوكلات قىلدى. دوكلاتچى ئۆز سۆزىدە ئاپتورنىڭ ئىلتىماسى بىلەن «ئوغۇزخان» ناملىق كىتابنى ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغانلىقىنى، م. ياقۇپوفنىڭ 90 ياشلار ئەتراپىدا بولغىنىغا قارىماي، شۇ شەكىلدىكى كىتاب يازغانلىقىنى يۇقىرى باھالاپ، بۇنى ئەدەبىي جاسارەت دەپ ئاتىدى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف ئوغۇزخاننىڭ ئىسمىنى تارىخىي شەخس سۈپىتىدە ئەبەدىيلەشتۈرۈشتە، بولۇپمۇ تۈركمەنىستاندا، تۈركىيەدە كۆپ ئىشلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يازغۇچى ۋە ئالىملارنىڭمۇ بۇ يۆنىلىشتە بىر قاتار ئەمگەكلەر يازغانلىقىنى، ئۇنىڭ يارقىن ئوبرازىنى يارىتىشتا زىيالىيلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئەمگەك قىلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئوغۇزخان. ئەۋلادلار» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش
«ئوغۇزخان. ئەۋلادلار» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش


م. ياقۇپوفنىڭ يازغۇچىلىق تالانتى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە پېشقەدەم زىيالىي زېرىپ مولوتوف، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف، ئالماتادىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى نامىدىن شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا، يۇرتداشلىرىدىن ئابدۇقېيىم ئاخۇنوف، مايدىن ئابدۇللايېف، شۇنداقلا م. ياقۇپوفنىڭ كەسىپداشلىرى ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئەبلەھەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغۇزخان، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئەپسانىۋىي شەخس بولۇپ، «ئوغۇزخان رىۋايىتى» بىر نەچچە مۇسۇلمان ئەسەرلىرىدە ساقلىنىپ قالغان. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان رەشىدىدىننىڭ «جەمىئات تەۋارىخ» ئەسەرىدۇر. بۇ رىۋايەت شۇنداقلا 17 - ئەسىردە يېزىلغان ئەبۇلغازىنىڭ «شەجەرەئى تۈرك» ئەمگىكىدىمۇ ئورۇن ئالغان. ئەمما ئوغۇزخان ھەققىدە رىۋايەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكىسى ئۇنىڭ «ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر نۇسخىسى بولۇپ، بۇنىڭ 15 - ئەسىردە قايتا كۆچۈرۈلگەن تېكىستى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

ئا. كامالوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئوغۇزنامە» ئەسەرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «"ئوغۇزنامە"نىڭ تېكىستى ئۆز ۋاقتىدا سوۋېت تۈركىيشۇناس ئالىملىرى تەرىپىدىن ياخشى ئۆگىنىلگەن ئىدى. مەسىلەن، 1959 - يىلى ئالېكساندىر شېرباك "ئوغۇزنامە ۋە مۇھەببەتنامە" دېگەن كىتابىنى نەشر قىلغان. "ئوغۇزنامە"نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدىكى، ئۇنىڭدا ئوغۇز قاغان "ئۇيغۇر قاغانى" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى ئالىملارنىڭ ئوغۇز قاغاننى بىۋاسىتە ئۇيغۇرلار بىلەن باغلاشتۇرۇشىغا سەۋەب بولماقتا. ئوغۇزخاننىڭ ئەپسانىۋىي شەخس بولغىنىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇزلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىسىنىڭ بارلىقى توغرىلىق ئېيتالايمىز. قەدىمىي ئۇيغۇرلار ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ شەرقىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن مەلۇم بولغان. ئەگەر ئوغۇزخان ئۆزى توغرىلىق ئېيتىدىغان بولساق، ئۇ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تارىخىي خاتىرىسىدە بىرىنچى ئەجداد سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان. تارىخنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئوغۇزخان ئالىي ھاكىمىيەتنىڭ بىر سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان. پەقەت ئوغۇزخان ئەۋلادلىرىلا خان بولۇش ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولدى. خېلە ۋاقىتلاردىن كېيىن چىڭگىزخان دەۋرىدىمۇ شۇنداق ھادىسە يۈز بەردى. پەقەت چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىلا خان بولالايتتى. ئوغۇزخان ھەققىدە ئېيتىدىغان يەنە بىر نەرسە، ھازىرقى يازغۇچىلارنىڭ ئوغۇزخان توغرىلىق يېزىۋاتقانلىرىنىڭ بارلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئوغۇزخان ئۆزى توغرىلىق ئەمەس، بەلكى ھۇن ئالىي ھاكىمدارى، يەنى شەنيۇ توغرىلىق ھېكايىدۇر. 19 - ئەسىردىن تارتىپ بەزى ئالىملار ئوغۇزخان بىلەن ھۇن مەملىكىتىنىڭ ئاساسچىسى مودې شەنيۇنى بىر شەخس دەپ قارىغان.» ئا. كامالوف بۇ ھەقتە پىكرىنى يەكۈنلەپ، ئوغۇزخاننىڭ كۆپلىگەن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بۈگۈنكى ھاياتىدا سىمۋوللۇق مەناغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قەدىمىي دۆلەتچىلىكنىڭ بىر سىمۋولىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1926 - يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن م. ياقۇپوف ئوتتۇز يىلدىن ئوشۇق ۋاقتىنى ھەربىي خىزمەتكە بېغىشلىغان. ئۇ سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىنىڭ قاتناشقۇچىسى. ھۆرمەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىققاندىن بۇيان م. ياقۇپوف ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۇنىڭ بىر قاتار ئوچېركلىرى يورۇق كۆردى. 2004 - يىلى ئۇنىڭ «غۇلجا - سودا شەھىرى»، 2009 - يىلى «ئوغۇزخان» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاغ - كان ئىنژېنېرى، پروفېسسور ئابدۇللام سامساقوف كەسپىي يازغۇچى ئەمەس، بەلكى ھەربىي كىشىنىڭ تارىخىي ماۋزۇغا بىر نەچچە قېتىم مۇراجىئەت قىلىپ، مۇنداق ئەمگەكلەرنى ئىجاد قىلىشىنىڭ كۆپچىلىكنى خۇشال قىلغانلىقىنى، تارىخىي ئەسەر يېزىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئوغۇزخاننى تۈركىي مىللەتلەر بوۋىمىز دەپ تونۇيدۇ، سەۋەبى ئوغۇزخاندىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ يازما تارىخى باشلىنىدۇ. بېرنشام ۋە بىچۇرىن ئوخشاش ئالىملار باتۇر تەڭرىقۇت بىلەن ئوغۇزخاننى بىر شەخس دەپ بىلگەن. بۇ يىلى ئوغۇزخاننىڭ تەختكە ئولتارغانلىقىغا 2225 يىل تولدى.»

م. ياقۇپوف مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىقىپ، ئوغۇزخاننىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ تەۋەللۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ئىدارىسىگە مۇراجىئەت قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا سالماقلىق تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان «ئىنايەت» بىرلەشمىسىگە، ھەرتەرەپلىمە قوللاپ - قۇۋەتلەپ كەلگەن مېھمانلارغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.