«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى مۇشتەرىلىرىنىڭ سانى 20 مىڭغا يەتكۈزۈلمەكچى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندا 1957-يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنىۋاتقان ئىلگىرىكى «كوممۇنىزم تۇغى»، ھازىرقى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش ئىشلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر قاتارلىق ناھىيەلىرىدە ئەۋج ئالماقتا.

بۇ جەھەتتە تەشۋىقات ئىشلىرى قانداق كېتىپ بارىدۇ؟ گېزىت مۇشتەرىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە قانداق پائالىيەتلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا ياشلار قانداق قاراۋاتىدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

-ئېرشات، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش ئىشلىرى قانداق كېتىپ بارىدۇ؟ بۇنىڭغا كىملەرنى جەلپ قىلىۋاتىسىلەر؟ بۇ قېتىمدا ئۇلارنىڭ سانىنى نەچچىگە يەتكۈزمەكچىسىلەر؟
-مۇشتەرى توپلاش كومپانىيىسى ھەر يىلى جۇشقۇن، قىزغىن ئۆتىدۇ. بىزنىڭ ھۆرمەتلىك گېزىتخانلىرىمىز ئۇلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مەقسىتىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يىلى يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ۋە باشقا ئاكتىپلار، مەكتەپ مۇدىرلىرى، مۇئەللىملەر كۆپرەك مۇشتەرى توپلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇشتەرىلەر سانىنى كېلەر يىلى 20 مىڭغا يەتكۈزىمىز دېگەن شوئار ئاساسىدا جۇشقۇن ئىش كېتىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جاي-جايلاردا ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ نىشانغا يېتىشنى ئارمان قىلىۋاتىمىز.

-ئىلگىرى، يەنى سوۋېت دەۋرىدە «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتىگە ئەڭ كۆپ قانچىلىك مۇشتەرى يىغىلغان ئىدى؟ مۇشۇ يېقىنقى يىللاردا قانداق بولغان؟ كېيىنكى يىلى قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ سانىنى 20 مىڭغا كۆپەيتمەكچىسىلەر؟
-ئومۇمەن گېزىتىمىز «كوممۇنىزم تۇغى» دەۋرىدە مۇشتەرىلەر سانى 24 مىڭدىن ئاشقان ئىكەن. مۇشتەرىلەر سانىنى ئۆتكەن يىلى 14 مىڭدىن باشلىغان ئىدۇق. بۇ ئالدىنقى يىلغا نىسبەتەن 1200 ئادەمگە ئۆسكەن. بىز كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندىكى مۇشتەرىلىرىمىزنى تەھلىل قىلىپ، قانچىلىك يېزىش مۇمكىن دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغاندىن كېيىن، ھەر ئونىنچى ئۇيغۇر يېزىلسا، سانى 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ يولدا ھازىر ئىشلار قىزغىن كېتىپ بارىدۇ.

-سىزگە ياخشى مەلۇم، گېزىتنىڭ كېلەچەك مۇشتەرىلىرى ياشلاردۇر. ئەنە شۇ ياشلارنى بۇنىڭغا سەپەرۋەر قىلىشتا قانداق ئىشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؟
-ئەلۋەتتە، كېيىنكى يىللاردا گېزىتىمىزگە ياشلارنىڭ يېزىلىشى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە ياشلار ئارىسىدا تەشۋىقات ئىشلىرى مېڭىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكى خېلى پائالىيەتچانلىق تونۇتۇۋاتىدۇ. ھازىر شەھەر ۋە ناھىيىلەردە مەشرەپلەر ئەۋج ئالدى. ئۇيغۇر ياشلىرى مەشرەپ ئارقىلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ، مەتبۇئاتىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە ئۆزلىرىنىڭ ئۈلۈشىنى قوشۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەشرەپلەرگە قاتنىشىپ، تەشۋىقات ئىشلىرىنى ماڭغۇزۇۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن، ياشلارنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە بىز «مەشەل» ياشلار بۇلۇڭىنى چىقىرىۋاتىمىز.

-كېيىنكى ۋاقىتلاردا گېزىتخانىلار «ئۇيغۇر ئاۋازى»نى تور بەتلىرىدىنمۇ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بۇنىڭ مۇشتەرىلەر سانىنى كۆپەيتىشكە دەخلى يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟
-قازاقىستاننىڭ ئاخبارات ۋە ئالاقە مىنىستىرى دائۇرېن ئابايېف كەلگەندىن بېرى ئومۇمەن مەتبۇئاتقا بولغان تەلەپ كۈچىيىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى گېزىتىمىزنى ئىجتىمائىي تورلاردا كۆپرەك تەرغىب قىلىش. بىز شۇنى ئورۇنداۋاتىمىز. گېزىتىمىزنى ھازىر پۈتكۈل دۇنيادىكى 26 دۆلەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئوقۇۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئىنتېرنېت يېزىلارغا تېخى تارقىغىنى يوق. ئىككىنچىدىن، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا ياشتىكىلەر بولغاچقا، ئۇلار ئىنتېرنېتقا ئانچە كىرىپ كەتمەيدۇ. ئۇيغۇر گېزىتخانلىرىنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن يەنە بىر ئۆزگىچىلىكى ئۇلار «بىز ئىنتېرنېتتا كۆرسەكمۇ، گېزىتىمىز مىللىتىمىزنىڭ پەخرى» دەپ، ئۇلارنىڭ گېزىتنىڭ قەغەز نۇسخىسىغا بولغان مۇھەببىتى تېخى ئۆچكىنى يوق.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىگە مۇشتەرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تالغىر ناھىيىسىدە ياشايدۇ. بىز بۇ يەردىكى ئەھۋالنى بىلىش مەقسىتىدە تالغىر ناھىيىلىك باش يىگىت بېشى جامالدىن ناسىروفقا مۇراجىئەت قىلدۇق.

ج. ناسىروفنىڭ ئېيتىشىچە، 2015-يىلقى مۇشتەرى توپلاش ئىشلىرى نەتىجىسىدە 881 كىشى گېزىتكە يېزىلغان بولسا، 2016-يىلى بىۋاسىتە گېزىت رەھبەرلىكى بىلەن بىرلىكتە يۇرت-جامائەتچىلىك ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەرغىب-تەشۋىقات ئىشلىرى نەتىجىسىدە مۇشتەرىلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىن 147 ئادەم ئوشۇق يېزىلغان. ج. ناسىروف بۇ ئىشنىڭ قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «تالغىر ناھىيىسىدە 13 يېزا بولۇپ، شۇنىڭ 10 چوڭ يېزىلار. شۇ يېزىلارغا باش مۇھەررىر بىلەن بىللە چىقىپ، ئاھالى بىلەن ئۇچراشتۇق. گېزىتكە يېزىلىش، پوچتا خادىملىرىنىڭ ئىشى ئوخشاش سوئاللارغا ئېرشات ئۆزى جاۋاب بەردى. مەن، ئويلايمەنكى، باش مۇھەررىرنىڭ شۇ يېزىلارغا چىقىپ، تەشۋىقات يۈرگۈزۈشى سەۋەبىدىن مۇشتەرىلەر سانى مىڭدىن ئاشتى. بۇ يىلى يەنە چوڭ ئىشلارنى ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ. يىگىرمە كۈن بۇرۇن پۈتكۈل يېزىلارنىڭ باش بەگلىرىنى، ئاكتىپلارنى دەم ئېلىشقا ئېلىپ چىقىپ، شۇ يەرگە باش مۇھەررىرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇچرىشىش قىلدۇق. گېزىتىمىزگە خەلقىمىزنى تېخىمۇ ئويغىتىش مەقسىتىدە شۇ يەرگە يىغىلدۇق».

ج. ناسىروف شۇنداقلا گېزىتكە يېزىلىش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردا ئاھالىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتىنىڭ ئاللىقاچان يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.