يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى 1918-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى.
ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە بۇ قىرغىنچىلىقنى قىزىل ئەسكەر كىيىمىنى كىيىۋالغان سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاق گۋاردىيىچى قوشۇنلىرى ئېلىپ باردى، دېگەن تەشۋىق تارقىدى. پەقەت مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، رابىك ئىسمايىلوف قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن پاكىتلار ئېنىقلىنىپ، مەتبۇئاتتا بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئاتۇ پاجىئەسى» دەپ نام ئالدى.
تارىختىن مەلۇم بولۇشىچە، 1918-يىلى ۋېرنىي (ئالماتا) شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئاساسىي جەھەتتىن كازاكلار ۋە ئۇيغۇرلار سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى. قوزغىلاڭ تارمار بولغاندىن كېيىن تاشكەنتتىن كەلگەن جازالىغۇچى قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى ئالدى بىلەن كازاكلارنى، ئاندىن ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلدى. قىرغىنچىلىق ئالماتا شەھىرىدىن تا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگراسىغىچە بولغان ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە جايلاشقان تاشتىقارا يېزىسى شۇ قىرغىنچىلىق ئازابىنى تارتقان يېزىلارنىڭ دەسلەپكىلىرىدىندۇر.
بىز شۇ تاشتىقارا يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان، ئونلىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى مانا شۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان نۇربۈۋى كەرىمقۇلوۋانى زىيارەت قىلدۇق.