ئۇيغۇرلار قەيەردە ياشىمىسۇن، دائىم ئاتا-بوۋىلىرى تۇغۇلغان يۇرتىنى، ۋەتىنىنى سېغىنىپ، شۇ ھەققىدە داستانلار يازغان. ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭمۇ ۋەتەن ماۋزۇسىنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە بەلگىلىگەنلىكى تارىختىن ياخشى مەلۇم. بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندا بۇ ئالاھىدىلىك كۈچلۈكرەك بايقىلىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە خېلى كۆپ ئاتاقلىق ئەدىبلەر جايلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ماۋزۇ ۋە شەكىل جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي ئېتىشىگە مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشقان ئىدى.
يېقىندا ئالماتادىكى «مىر» نەشرىيات ئۆيى تەرىپىدىن «ھەممىدىن ئەلا-ۋەتەن» ناملىق قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. ئالىم رابىك ئىسمايىلوف تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر كىتاب «ۋەتەننى كۆرمەي، ئارماندا كەتكەن مەشھۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ خاتىرىسىگە» بېغىشلانغان بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىجات ئەتكەن ئاتاقلىق شائىر نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوفنىڭ «ئىنقىلابچى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن»، «خانتەڭرى» ۋە «ئۇيغۇرىستان» ئەسەرلىرىدىن باشلىنىدۇ. كىتابقا ھەر خىل دەۋرلەردە ياشىغان ھەم ھازىرمۇ ئىجاد قىلىپ كېلىۋاتقان يىگىرمىدىن ئوشۇق شائىرنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابقا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلىپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەتەن-ھەقىقەتەن ھەممىدىن قىممەت ۋە ئەزىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغان ۋە ھېچقاچان خاتىرىسىدىن ئۆچمەيدىغان چۈشەنچە. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت، ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتىگە يېتىش ھەم ئۆزىنى شۇنىڭ ئاجرالماس زەررىسى دەپ بىلىش، ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەرنى ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقا ئاتلاندۇرىدۇ. توپلامدا ئورۇن ئالغان شائىرلىرىمىز ئەسەرلىرى مانا شۇ ۋەتەن، ئەجدادلىرىمىز زېمىنى، بۈگۈنكى ئەۋلاد ياشاۋاتقان ماكانغا بېغىشلانغان.»
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شائىر ۋە يازغۇچى، «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى تېلمان نۇراخۇنوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
