ياپونىيە كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭكېنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» ناملىق كىتابى 2013 - يىلى شياڭگاڭ خىتاي تىل ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابتا ئاپتۇر شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدا 1930 - يىلىدىن 1940 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈستىدە خىتاي ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
مەزكۇر كىتابنىڭ بەشىنچى بابىدا «خىتايدىكى تۈركىي مىللەت مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا جىھاد قىلىشى» دېگەن ماۋزۇدا بايان قىلىنىشىچە، 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە «شىنجاڭدىكى توپىلاڭنىڭ مەقسىتى» دېگەن ماۋزۇدا ئەنگىلىزچە دوكلات يوللىغان. دوكلات «مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى» ۋە «بىز نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز» دېگەن تىمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
مەزكۇر كىتابتا دېيىلىشىچە، دوكلات ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى كۆرسەتكە

ن: بىرىنچى، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنى قۇرۇشنىڭ سەۋەبى، ئىككىنچى، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانى، ئۈچىنچى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشىنى مۇراجەت قىلىش.
دوكلاتتا تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: بىرىنچى، شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز. ئىككىنچى، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، داغىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر. ئۈچىنچى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۇرۇپ، بۇ تۇپراقنى شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ غەربىي قىسمى قىلىۋالغان، ئۇلارغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلغان. تۆتىنچى، 1937 - يىلىدىن باشلاپ شېڭ شىسەينىڭ باستۇرۇشىدا خوجا نىياز ھاجى ۋە شەرىپخان قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەر ئۆلتۈرۈلگەن. بەشىنچى، خىتاي ئىستىلاچىلىرى مۇستەملىكىسى شىجاڭغا خىتاي ۋە دۇڭبىلىق كۆچمەنلىرىنى يۆتكىدى.
تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى بولسا، بىرىنچى، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىش. ئىككىنچى، مىللەتلەرنى باراۋەر قىلىش. ئۈچىنچى، دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش. تۆتىنچى، يەرلىك ئەمەلدارلار سايلام ئارقىلىق سايلىنىش. بەشىنچى، مىللەتلەر مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئالتىنچى، ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. يەتتىنچى، ساقچى تۈزۈمىنى بىكار قىلىش. سەككىزىنچى، سىياسىي ئەركىنلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. توققۇزىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش. ئونىنچى، باجنى ئازايتىش. ئونبىرىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. ئون ئىككىنچى،خىتاي كۆچمەنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش. ئون ئۈچىنچى، دېھقانچلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئون تۆتىنچى، ھاشارنى بىكار قىلىش.
1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان. ئىلىخان تۆرە،ئۆزبېك، 30 نەچچە يېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن شىنجاڭغا كەلگەن، تەسىرى كۈچلۈك دىنىي ئۆلىما. ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئۇيغۇر، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن. قاسىمجان قەمبىرى، ئۇيغۇر، شائىر. ماھمۇتجان مەخسۇم، ئۇيغۇر سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، ئون نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، زىيالىي. جانى يولداشۇف، ئۇيغۇر، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، 20 نەچچە يېشىدا ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن. رەھىمجان سابىرھاجى، ئۇيغۇر، ئىلىدىكى چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست ئائىلىسىدىن. ئابدۇرۇپ مەخسۇم، ئۇيغۇر، ئۆلىما، سودىگەر - كاپىتالىست. سالمان ) سالىجان( باي، ئۆزبېك، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇغۇلغان، كېيىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن، چوڭ سودىگەر، كاپىتالىست، زېمىندار. زۇنۇن تايوف ) تېيىپ (، تاتار، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇغان، سوۋېت پۇقراسى، زىيالىي. ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە سوئال بەلگىسى قويۇلغان، كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەمەس دېيىلگەن. ئۆمەرجان، ئۇيغۇر، مۇھىمىدىن ئۇيغۇر، نۇردىن بەگ ئۇيغۇر.
ياپونىيىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرياللارنى يىغىش ۋە رەتلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تارىخچى يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- مەندە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ماتىرياللار بار. ئەمما ئامېرىكىغا يوللانغان بۇ دوكلاتنى مەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم.
2006 - يىلى 6 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان سەيدۇللا سەيپۇللايوفنىڭ «مەن شاھىت بولغان ئىشلار»ناملىق تارىخىي ئەسلىمىسىنىڭ 139 - 140 - بەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلىخان تۆرە مەزكۇر تەشكىلاتغا رەئىس بولغان، كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىخان تۆرىگە ئىشەنمىگەنلىكتىن، 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تىنچلىق بېتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ئۇنى سوۋېتكە قايتۇرۇپ كەتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈرۈمچى تەزكىرىلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 1943 - يىلىدىن 1949 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر كونسۇلخانىنىڭ ئورنى ھازىرقى ئۈرۈمچىدىكى خەلق نەشرىياتىنىڭ تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولىدىكى 186 - نۇمۇرلۇق ئائىلىكلەر قورۇسى.
2006 - يىلى نيۇيوركتا نەشر قىلىنغان باررىي سائۇتمان ۋە جۇنې تېئۇفېل درېيېر قاتارلىقلار باش تەھرىرلىكىدىكى 326 - بەتلىك «ھازىرقى تىبەت» ناملىق كىتابتا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا قول تىققانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى 1950 - يىلىدىن بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، كىتابتا مۇنداق بايان قىلىنغان:
تۇنجى قېتىم مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى 35 ياشلىق مېتېئورولوگ، مەخپىي خەت يېزىش مۇتەخەسسىسى دوگلاس س. ماككىئېرناننى شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتايچە دىخۇا ئەنگىلىزچە تىۋا دەپ ئاتىلىدىغان ھازىرقى ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا مەخپىي خىزمەتكە ئەۋەتكەن. دوگلاس سالاھىيەت جەھەتتە كونسۇلخانا خىزمەتچىسى بولسىمۇ، ئەمەليەتتە ئۇنىڭ تولۇق ۋەزىپىسى،شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىگە مەخسۇس يەتكۈزۈش ئىدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.