تۇرغۇن ئالماسنىڭ چەكلەنگەن ئۈچ كىتابى تۈركىيەدە قايتا نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.02.13
uyghurlar-kitab-305.jpg داڭلىق شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە قايتا نەشر قىلدۇرۇلغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2017-يىلى فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

داڭلىق شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە قايتا نەشر قىلدۇرۇلدى. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1046بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ تاش ۋارىقى كۆك رەڭدە، قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ لايىھىلەنگەن.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسەرلىرى، 1986-، 1987- ۋە 1989-يىللىرى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىپ يىغىۋېلىنغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن بىر يۈرۈش كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، داڭلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ چەكلەنگەن ئۈچ كىتابى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلدۇرغان جېلىل تۇران، تارىخچى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان جېلىل تۇران ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۈچ كىتابىنىڭ يېڭى نۇسخىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن كىتابلارنى چەتئەلدە نەشر قىلدۇرۇش پىلانى ئاساسىدا بۇ ئۈچ كىتابنى بىر توم قىلىپ نەشر قىلدۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەسەرنى قايتا نەشر قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسىرىنى شۇنداقلا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرنى چەتئەلدە ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردا نەشر قىلدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ كىتابنى قانداق تارقىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق ئەسىرى 2010-يىلىدا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سېلېنگا نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغاندىن سىرت قازاقىستاندا رۇس تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.

1924-يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن تۇرغۇن ئالماس، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.

ئۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەردە پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىدا ئولتۇراقلاشقان. كېيىن ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان تۇرغۇن ئالماس 1940- ۋە 1970 - يىللىرى كۆپ يىللار تۈرمىگە قامالغان. ئۇنىڭ «تۇتقۇن»، «غېرىب موماي»، «جەمىلە»، «تەنلىرىم ياپراق»، «ئانا تۇپراق» قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.

داڭلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ يەنە، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى» ۋە «تۈركلەر » قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ يازغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.