تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى ئاماسيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى تەشكىلاتلار باشقارمىسىغا تەتقىقات پىلانى يېزىپ سۇنغان بولۇپ، مەزكۇر ئىش پىلانى دۆلەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان. بۇ ئىش پىلانىغا ئاساسەن 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر ناھىيىسىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يىغىنغا تەتقىقات ئىش پىلانىغا قاتنىشىۋاتقان پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم تارىخچى پروفېسسور كەمال گۆدە ئەپەندى، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن پېنسىيىگە چىققان تەتقىقاتچى ئالىي فۇئات ئەر ئەپەندىلەر قاتناشتى. يىغىنغا بۇ تەتقىقات ئىش پىلانىنىڭ مەسئۇلى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇلى ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا يەنە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن كۆچۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلار قۇرغان جەمئىيەت باشلىقلىرى، كەنت باشلىقلىرىدىن بولۇپ 25 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ھۈسەيىن يىلدىرىم ئەپەندى ئالدى بىلەن تەتقىقات ئىش پىلانىغا قاتناشقان ئىلىم ئەھلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن تەتقىقات پىلانىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. تۈركىيەنىڭ ئاماسيا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخى مەنبەلەر ۋە رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ 1326-يىلى يانى ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە ئاناتولىيەگە كېلىپ جايلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
يىغىندا تەتقىقاتچىلارغا خىزمەت تەقسىمات قىلىندى. 11-ئاينىڭ 28-29-كۈنلىرى ئاماسيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاناتولىيەگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 700-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.
يىغىن ئاخىرىدا مىكروفونىمىزنى تارىخچىلارغا ئۇزاتتۇق. 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە قۇرۇلغان ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى توغرىسىدا كىتابلار يازغان پروفېسسور كەمال گۆدە ئەپەندى، ئاماسيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى مەزگىلىدە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاماسياغا كەلگەنلىكىنىڭ 700-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بىر يىغىن چاقىرىلدى، مەنمۇ ئىسپارتىدىن كېلىپ قاتناشتىم. ناھايىتى ياخشى يىغىن بولدى. مەنچە سۇلتان ئالائەتتىن ئەراتنا مەزگىلىدە بۇ ئۇيغۇر رايونى ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەزگىل ئەبۇ سايىت باھادىر خان ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. 1316-1335-يىللىرى. بۇ مەزگىلدە سۇلتان ئالائەتتىن ئەراتنا ۋەزىرلىكتىن ئۆسكەن ئىدى. كېيىن ئىلھانلى دۆلىتى مەزگىلىدە ئاناتولىيەدىكى ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكىگە بەگ بولۇپ تايىن قىلىنغان بولۇپ، ۋاپات بولغۇچە ئۇزۇن يىل بەگلىكنى باشقۇرغان. ئۇ، مەزگىلدە ئاماسيادا، سىۋاس، شەبىن قاراھىسار، قايسەرى، قىرشېھىر قاتارلىق جايلار سۇلتان ئالائەتتىن ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان. شۇڭا بۇ جاي ئۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان جايدۇر. تۈركىيەدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جايلار بار. بۇلار ئولتۇراقلاشقان جاينىڭمۇ ئىسمى ئۇيغۇر بولغاچقا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ بەك ئەھمىيەتلىك ئىش.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۇنجى يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بۇ يىغىن ئارقىلىق قىلىدىغان ئىشنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئالىي فۇئات ئەر ئەپەندى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ بىر تەتقىقات ئىش پىلانىغا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
تۇنجى قېتىم بىر تەتقىقات پىلانىمىزغا دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ. بىز خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تىل، ئەدەبىيات، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز. بۇ تەتقىقات پىلانى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. بىز 700 يىلدىن بېرى بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆتمۈشىمىزنى ئۆگىنىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تىجارىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتسەك دەيمىز.