ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ 5-سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 5-سانى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ساندا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر مۇزىكىسى، فولكلورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 8 ماقالە، كىتاب تونۇشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك 3 ماقالە يەر ئالغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ژۇرنالدا قىرغىزىستانلىق تارىخچى دوكتور ئابدۇراسۇل ئىساقوفنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىرغىز تارىخىدىكى ئورنى» ناملىق ماقالىسى، ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ «ئىز رومانىدا ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ئۇنسۇرلىرى» ۋە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى نۇرى مەخمۇت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە قارى ۋە سازەندىلەر» ناملىق ماقالىلىرى، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دەريا ئەرسۆز خانىمنىڭ «ئالىمجان ئىنايەتنىڭ ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى ۋە ھېكايىلىرى ناملىق كىتابى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى، سۈرىيەلىك دوكتورانت ئوقۇغۇچىسى راغەد مۇھاممەد ئەپەندىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەبچە سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنە ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىسى، يۈسۈپجان ياسىننىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەردىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەلۇماتلار» ناملىق ماقالىسى، زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ «شىۋېتسىيەدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى ۋە نۇرىمان ئابدۇررەشىت خانىمنىڭ «جەنگىز ئاليىلماز ئەپەندىنىڭ يىپەك يولى ئۆتىڭىدىكى ئۆلمەس ئەسەرلەر ناملىق كىتابى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىگە ئوخشاش 8 پارچە ماقالىگە ئورۇن بېرىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»نىڭ ساھىبى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، مەزكۇر ژۇرنال نەشر قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ توربېتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرىگە ياخشى ئىنكاسلار قايتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ژۇرنالنى چىقىرىشتىكى ئەسلى مەقسىتىنىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى»دا پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ھەققىدە يېزىلغان ماقالەلەرنىمۇ ئېلان قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرى ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە بىر بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىنى، مەزكۇر ژۇرنالنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

«خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ژۇرنىلى» تۈركىيەدە ئېلان قىلىنىۋاتقان پەسىللىك ئىلمىي تور ژۇرنىلى بولۇپ، 2014-يىلىدىن بۈگۈنگىچە جەمئىي 5 سان نەشر قىلىندى.