گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى

قۇرۇلغىنىغا 3 يىل بولغان گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى 15-ئىيۇن ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق نىڭ خىزمەت زالىدا سايلام ئۆتكۈزدى. تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كومىتېت گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەنىۋى ھايتىنى بېيىتىش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان.

بۇ مەزكۇر كومىتېت 2010-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن سايلام ئىكەن.

مەزكۇر كومىتېت ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان د ئۇ ق باش شتابى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى بىر تەشكىلات بولۇپ، يىللاردىن بېرى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ كەلگەن ئىدى.

سائەت 17:00 بىلەن باشلانغان بۇ پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھىرى ۋە قوشنا شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلار قاتناشتى.

سايلام دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىپ، تەشكىلاتنىڭ بۇرۇنقى رەئىسى گۈلنار خانىم يەنىلا رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە، راھىلە خانىم مۇئاۋىن رەئىسلىككە، نۇرنىسا خانىم باش كاتىپلىققا سايلاندى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەشكىلات رەئىسى گۈلنار خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى راھىلە خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

گۈلنار خانىم زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، ئالدى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى راھىلە خانىم دەسلەپ 15-ئىيۇلدىكى سايلام ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، ئاندىن ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان گېرمانىيەدە ئوينىغان رولى توغرىسىدا توختالدى.

گۈلنار خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە تونۇلۇشىغا بەلگىلىك ھەسسە قوشقاندىن سىرت، گېرمانىيەدىكى، بولۇپمۇ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇشتا ئاكتىپ تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن سايلىمى توغرىسىدا تەشكىلات رەئىسى گۈلنار خانىم ۋە راھىلە خانىملار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.