ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

0:00 / 0:00

19-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دا باشلاندى. مۇراسىمغا ئىلھان كۈچۈك، سابا سۇگار، لۇئىگې كومپاگنا، رامون ترېموسا، ھېلگا ترۈپەل، كلاۇس بۇكنېر، پائۇل ساكي، توماس مان، ئىۋو ۋاجگۇل، ھېلگا ستېۋېنس قاتارلىق ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئەزاسى، 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، رابىيە خانىم، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى ھەمدە ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان، پروفېسسور مارى ھولىزمان، شۇنداقلا تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

مۇراسىمغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خادىمى لۇسىيا پاررۇچى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش نۇتقىنى پارلامېنت ئەزاسى ئىلھان كۈچۈك سۆزلىدى. پارلامېنت ئەزالىرىدىن سۇگار ئەپەندى ۋە لۇئىگە خانىملار تەبرىك نۇتۇقلىرى سۆزلىدى.

قۇرۇلۇش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، بىر سائەت ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات تەقدىم قىلىش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. بۇ پائالىيەتتە دوكتور ئابلەت سەمەت، دوكتور نۇرى تۈركەل، پروفېسسور مارى ھولىزمان قاتارلىقلار ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئىلھام توختى مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلار بويىچە دوكلاتلار تەقدىم قىلدى.

«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندا، چوڭ زالدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇنداق بىر گۇرۇپپىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن د ئۇ ق 10 يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىكەن. مۇراسىمدا بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغان 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاتاپ ئۆتۈلدى ۋە نەق مەيداندا بار بولغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىندى. قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەبرىك نۇتۇقلىرى سىن ئىكرانى ئارقىلىق تەقدىم قىلىندى. ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرمۇ تەبرىك نۇتقى يوللىغان ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىۋاتقان 19-قۇرۇلتىيىنىڭ 2-كۈنىگە توغرا كەلگەن ئىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەلۇم مەنىدىن بۇنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايغا بەرگەن بىر جاۋابى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ، ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ئامېرىكادىن كەلگەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى رولىنى ئەسكەرتتى.

قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى. لوندوندىن كەلگەن ناخشىچى رەھىمە خانىم ئۇيغۇرچە ناخشا تەقدىم قىلدى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. بېلگىيەدە ياشاۋاتقان گۈلجەننەت خانىم ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار ئويناپ، زال ئىچىدە قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولدى.

3 سائەت داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتىن كېيىن، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتى خادىملىرىنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى.