ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 30 - مارت كۈنى دېيۋىد بروفىينىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا بېغىشلانغان تۇنجى كىتابى «ئۇيغۇر مىللىتى: خىتاي-رۇسىيە چېگراسىدا ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاب» نى نەشر قىلدى. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە 1920 - يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭ شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدىيىسىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى نۇقتىلىق مۇلاھىزە قىلغان.
ئاۋسترالىيە سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دېيۋىد بروفىي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر بىر قاتار ماقالىلىرى بىلەن يېقىنقى يىللاردا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ياش تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ 2012- يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىللىق پوست دوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2014- يىلىدىن بۇيان سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

دېيۋىد بروفېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە «ئۇيغۇر» نامى مىلادى 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان. كېيىنچە تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارنى ئاساس قىلغان يۇرت كىملىكى بۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. چار رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشى ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن سىياسىي مۇھىتنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايوندىكى تۈركىي تىللىق مىللىي تەركىبلەر ئومۇمىي جەھەتتە بىر تۈركىي توپ بولۇشتىن ئايرىم گەۋدە بولۇپ ئايرىلىپ چىقىشقا يۈز تۇتقان. شۇ قاتاردا «ئۇيغۇر» نامى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى مەسىلىسىمۇ يەرلىك زىيالىيلار ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇ بولسا مەزكۇر ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئومۇمىي ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ خىزمەت قىلغان. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەسەر مۇئەللىپى دېيۋىد بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ سوئاللارغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسىدا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن «ئىنقىلاب ۋە ئىسلاھات» ھادىسىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ روشەن خاراكتېردە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
1930 - يىللاردا ئەۋج ئالغان «جەددىچىلىك»، يەنى «يېڭىچە مائارىپ» ھەرىكىتى ھەمدە ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ بەزى ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئېگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، شۇ ۋاقىتلاردىكى مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتتا رۇسىيە بولشېۋىكلىرى ۋە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ مەلۇم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
1930 - يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە قانداق پىكىردە بولغانلىقى ھەققىدە ئۇ بۇنىڭدا بەزى مۇرەككەپ ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئالدى.
دېيۋىد بروفېينىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ بىر دەۋرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات كۆپ خىل تىللاردىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا، شۇنداقلا بىرىنچى قول مەنبەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر، تۈرك، رۇس، خىتاي، فارس، تاتار، مانجۇ، گېرمان، فىرانسۇز قاتارلىق تىللارنى ئۆگەنگەنلىكىدەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ تىللاردىكى ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلانغان ھەمدە بۇ ساھەدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئەمگەكنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. بىز ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.