مەلۇمكى، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنى تەييارلىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى تەركىبىدە 1980-يىلى ئېچىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمى دەسلەپتە رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەم ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنى تەييارلاش يۆنىلىشىدە ئىش ئېلىپ باردى. كېيىنكى يىللاردا بولسا، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسلىكى بىلەن بىرلىكتە باشلانغۇچ ئوقۇتۇشىنىڭ پېداگوگىكىسى ۋە مېتودىكىسى، تارىخ، قازاق تىلى، ئىنگلىز تىلى ساھەلىرى بويىچە كادىرلار تەييارلاندى.
ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى ھەم ئۇنىڭدا ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تىلشۇناس ئالىم ئۆكتەبىر جامالدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى كادىر بىلەن تەمىنلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقتىن بىر توپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوقۇش مىنىستىرلىقىغا مۇراجىئەت قىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1980-يىلى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئوقۇش دەرگاھىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلغان ئىدى. دەسلەپ ئۇنىڭغا 25 بالا قوبۇل قىلىندى، كېيىنكى يىللىرى بولسا، ئۇنىڭ سانى 30 غا يەتتى. ئۆ. جامالدىنوف شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بۇ بۆلۈمنىڭ كېلەچىكى كۆپ ئويلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇ ۋاقىتتا بىز، شەخسەن مەن، فاكۇلتېتلار ئارا ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئاچسا ياخشى بولاتتى، يەنى 5 يىل ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتىدىغان، ئاندىن ئۇنىڭ قېشىغا رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتىدىغان، ئاندىن ئۇنى تەبىئىي-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا، ئاندىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئايلاندۇرىدىغان، ئىش قىلىپ تۆت يىلدا ئايلىنىپ كېلىدىغان ئۇيغۇر بۆلۈمىنى يېپىلماي قىلىپ ئاچسا ياخشى بولامدىكىن، دېگەن پىكىرلەر بولغان. بىراق كەلگۈسىدە ئۇنداق بولمىدى. ئاساسەن شۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى، رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا توختالدى. ئۇيغۇر بۆلۈمى مىللىي كادىرلارنى تەييارلاشتا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا بولغان ئېھتىياج قاندۇرۇلدى. ھەقىقەتەنمۇ، ھازىرمۇ ئۇ يەردىن بالىلار ئوقۇپ چىقسا، مىللىي كادىرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا چوڭ رول ئوينايدۇ ۋە ئوينىشى چوقۇم».
ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىدە غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، ئۆكتەبىر جامالدىنوف، داۋۇت ئىسىيېف، تۇرسۇن ئەلايېف ئوخشاش قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلار ئىشلىگەن ئىدى.
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ۋىلايەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى يېتىلدۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئاجرىتىلغان ئورۇنلارغا بىر نەچچە يىل داۋامىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىراجەت بۆلۈنگەن بولسىمۇ، كېيىنكى يىللىرى ئەھۋال ئۆزگەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «كېيىنرەك ئىقتىسادىي كرىزىسقا باغلىق ھۆكۈمەت ھېسابىغا بېرىلىدىغان ئورۇن توختىتىلدى. شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى شۇ بۆلۈمدە ھەق ئاساسىدا ئوقۇدى. ئۇ ۋاقتىدا ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بولسۇن دەپ دىلمۇرات قۇزىيېف ئوخشاش تىجارەتچىلەر تۆت يىلدەك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملەشكەن. كېيىنرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازىيىپ، ئۇيغۇر بۆلۈمى يېپىلىش ئالدىدا تۇرغان ۋاقتىدا شۇ ۋاقىتتىكى قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى مۇرات ئەخمەدىيېف بىۋاسىتە كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ كېلەچىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ كېلەچىكى بىلەن بىۋاسىتە باغلىق دەپ ئويلايمەن».
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنارە ئاۋۇتوۋا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش ئىنستىتۇتىدا شەرق تىللىرى، يەنى ئەرەب، پارس، خىتاي، تۈرك تىللىرى قاتارىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇتۇش ئېلىمىز پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەتنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش ھەم تەرەققىي ئەتتۈرۈشكە قارىتىلغان يوللانمىسى تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. شۇ مەقسەتتە ھەر يىلى بەش ئورۇن بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇماقتا. بىزنىڭ مەقسىتىمىز كۆپرەك ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملىغان ياشلارنى جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، يىلدىن-يىلغا ئەھۋال ناچارلىشىۋاتىدۇ. ئېنىقراقى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاماملىغان ياشلار بۇ ئوقۇش جايىغا كەلمەيۋاتىدۇ. كەلگەن ھالەتتىمۇ ئىمتىھاندا تۆۋەن باھا ئالغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشقا كىرەلمەيۋاتىدۇ. ئەپسۇسلىنىدىغان يېرى، ئەھۋال مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، كېلەچەكتە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتىدىغان كادىرلارنىڭ يېتىشمەي قالىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي ئەتتۈرۈشكە سەلبىي تەسىرىنى تەگكۈزۈشى مۇمكىن».
مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى تاماملىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپچىلىكى ھازىر ئالماتا شەھىرى ھەم ئالماتا ۋىلايىتىدە جايلاشقان ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىلىدىغان مەكتەپلەردە ئىشلىمەكتە. بۆلۈمدىن شۇنداقلا كۆپلىگەن شائىر- يازغۇچىلار، ئالىملار ۋە باشقىلار يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت، مەتبۇئات ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە ئەمگەك قىلىپ، قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشماقتا.
0:00 / 0:00