ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇقەددەس تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور مۇقەددەس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ، ئۆزى يېقىندا نەشرگە تەييارلاپ تۈركىيەدە نەشر قىلدۇرغان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» ناملىق كىتابنى كىتاب ئوقۇشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلارغا ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان چەتئەللىكلەرگە ھەقسىز سوۋغا قىلىپ يوللاپ بېرىدىكەن.
دوكتور مۇقەددەس خانىم ياپونىيەدە ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا كانادادا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر شائىرى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «ئاھ، ئۇيغۇر تۇپرىقى» ناملىق ياپونچە شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.
ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە، ياپون بالىلار ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم چۆچەكلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
نۆۋەتتە، دىققىتىڭلار دوكتور مۇقەددەس خانىم بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى مۇناسىۋىتى ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.