ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى يېڭى يىلنى بىرگە كۈتۈۋالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.01.02
yengi-yilliq-tebrik-sorunidin-bir-korunush.jpg ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلماقتا. 2016-يىلى 31-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

31-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە توپلىنىپ كېلىۋاتقان يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىللىق تىلەكلىرىدىن ھەمبەھىرلەندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ چىقىشىدىكى ئالدىنقى تاللاش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىرقەدەر مەركەزلىك توپلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىشى بولسا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقىنى مەمنۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇر. ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرىدا تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇسىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇش بەكمۇ كۆپ نېسىپ بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەنە شۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر يىلنى ئۇزىتىش ۋە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مەقسىتىدە يېڭى يىللىق تەبرىك سورۇنى ھازىرلاپ، ئۇيغۇر جامائىتىگە يەنە بىر قېتىم ئۆز-ئارا دىدارلىشىش ۋە جەم بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ۋاشىنگتون شەھىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بېست ۋېستېرن مېھمانخانىسىنىڭ پائالىيەت زالى ۋاشىنگتون شەھىرى، شۇنداقلا ۋىرجىنىيە، مارىيلاند، نيۇيورك قاتارلىق شتاتلاردىن كەلگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر بىلەن تولىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇزۇندىن بۇيان دىدارلىشىپ بولالمىغان چوڭلار ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملار بىلەن مۇڭداشسا، بالىلار بىر-بىرى بىلەن قوغلىشىپ ئوينىغاچ سورۇننىڭ ئۇيغۇرلۇق كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارماقتا ئىدى. ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان مېھمانلار بىردەمدىلا زال ئىچىگە لىق تولۇپ، مۇسۇلمانچە تاماقلار بولسا سورۇننىڭ كەيپىياتىغا تېخىمۇ ئۆزگىچىلىك ئاتا قىلغان ئىدى.

مېھمانلار بىرەر قۇر غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن پائالىيەت رىياسەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن سۆز قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا بولۇپ ئۆتكەن ئەھۋاللارنى ئومۇمىي جەھەتتىن يەكۈنلىدى. شۇنداقلا بۈگۈنكى يېڭى يىللىق تەبرىك سورۇنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان رابىيە قادىر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ئون نەچچە ئائىلىدىن بۈگۈنكىدەك نەچچە مىڭ ئائىلىگە كۆپىيىش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتنى سۆيۈش، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىلىنىش ئارزۇلىرى ھېچقاچان ناخشا -ئۇسسۇلسىز ئۆتكەن ئەمەس. بۇ يىلقى يېڭى يىللىق تەبرىك سورۇنى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ روشەن نامايان قىلدى. پائالىيەتنىڭ بېشىدىلا ئورۇنلىنىشقا باشلىغان ناخشا، مۇزىكىلار كۆپچىلىكنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈشى بىلەن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، سورۇن كەيپىياتىنى بىراقلا جانلاندۇرۇۋەتتى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چەتئەللەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئانا تىل بوھرانى ھەرقاچان بىر چوڭ تېما بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى يېڭى يىللىق پائالىيەت سورۇنىغا قاتناشقان بىر قىسىم ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن بىر قىسىم نومۇرلار قاتارىدا ئۇيغۇرچە ناخشا، ئۇسسۇللارنى شۇنچە قاملاشتۇرۇپ ئورۇنلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلارنى جانلىق دېكلاماتسىيە قىلىشى بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەجرىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىدار نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن سۆز قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ماختاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپىنىڭ ئالاقىدار چىقىملىرى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى يىلنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يېڭى يىلدا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى سەۋەبلىك كېچە سائەت بىردىن ئاشقاندا ئاخىرلاشتى. كۆپچىلىك بىر-بىرىگە يېڭى يىللىق تەبرىك ۋە سالاملىرىنى ئېيتقاچ خۇشاللىق ئىچىدە تارقالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.