غۇلجا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان كۆمۈر گاز زاۋۇتىنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا بولغان تەسىرى ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.02.09
tebii-bayliq-nefit-gaz.jpg «غەربتىن شەرققە تەبىئىي گاز لىنىيىسى» قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى. 2008-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئىلى ئوبلاستى.
maginechina

خۇاچىڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسى كۆمۈرچىلىك شىركىتى بولۇپ، ئۇ غۇلجا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتىنىڭ ھۆددىگەر كارخانىسى. غۇلجا ناھىيەسىدىكى مەزكۇر شىركەتكە ھۆددىگە بېرىلگەن كۆمۈر گاز زاۋۇتى 2013‏-يىلى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.

كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇپ، شەرقتىكى ئۆلكىلەرنى گاز بىلەن بىلەن قامداش پىلانى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى. كۆمۈر زاپىسى مول غۇلجا ناھىيەسى بولسا بۇ قۇرۇلۇش تۈرىدىكى مۇھىم بازا. خىتاينىڭ بۇنداق كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىدىن 50 نى قۇرۇش چىقىش پىلانى بار بولۇپ، بۇ زاۋۇتلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلىدۇ.

ئەمما، زاۋۇتلار ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان كاربون دىئوكسىد ئامېرىكا مۇھىت قوغداش ئورگانلىرىنى، خەلقئارا ۋە بەزى خىتاي مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن. خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بۇ قۇرۇلۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، غۇلجا ناھىيەسدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلار خىتاينىڭ ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كونترول قىلىشتا يېتەكچىلىك رول ئويناش مەقسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر گاز قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، «بىرى، بۇ ناھايىتى قىممەتكە توختايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ شىمالىي خىتايدىكى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۇ مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئەڭ يامىنى ئۇ ھاۋاغا، كۆمۈر قالاشتەك ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كاربون دىئوكسىد قويۇپ بېرىدۇ» دېيىلگەن.

ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، يېزا ئىگىلىك پەنلىرى دوكتورى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆمۈرنىڭ تەركىبىدىكى كرىمنېي ماددىسى جانلىقلارغا ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئۇ ئىس-تۈتەككە ئارىلىشىپ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلسە، سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

دوكتور تۇرمەمەت ھاشىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئېنېرگىيەنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ. كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بۇنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئەمدى كۆمۈرنىڭ تەركىبىدە ئىنسانغا زىيانلىق ھەر خىل ماددىلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە، بولۇپمۇ بۇنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئوكسىگىنلىشىپ، خىتايچىدا يىياڭخۇالىۇ، ئېرياڭخۇاليۇ دەيدۇ بۇنى. بۇ كاربوندىن باشقا يەنە ليۇ، دەپ بىر نەرسە بار خىمىيەدە. خىتايچىدا ليۇ، دەيدۇ، خىمىيە بەلگىسى Si. بۇ ئىنساننىڭ نېرۋىسىنى، ھەتتاكى، DNA سىگە تەسىر قىلىدىغان بىر نەرسە. ياپونىيەدە بۇنى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. لېكىن، خىتاينىڭ ئۇنى كونترول قىلىدىغان تېخنىكىسى تېخى دۇنيا سەۋىيەسىگە يېتىپ بارمىدى. شۇڭا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرغان ۋاقىتتا بۇ ماددىنى ھاۋاغا قويۇۋېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ كاربود ئوكسىدتىنمۇ ئېغىر ئىنسانلارنىڭ نېرۋىسىغا، ئىچكى ئەزالىرىغا، راكقا سەۋەب بولىدىغان بۇ نەرسە ھاۋا چىققاندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ ھاۋانى بۇلغاپ مېڭىپ،جانلىقلارغا تەسىر قىلىدۇ.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشى ئىلگىرى ئوباما دەۋرىدە ئالاقىدار ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى چېن جىنىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە يەتكۈزگەن.

مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەر خىل تەنقىد ۋە ئەندىشىلەرنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشنى توختاتمىغان. «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ قەيت قىلىشىچە، يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە بۇ خىل كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىدىن 4 ئى قۇرۇلۇپ، مەشغۇلات باشلىغان. خىتاي مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يەنە، 2016‏-يىلى يېڭىدىن 3 كۆمۈر گاز زاۋۇتى قۇرۇش، ھازىرقى مەۋجۇت كۆمۈر گاز زاۋۇتلىرىنى كېڭەيتىشنى تەستىقلىغان.

غۇلجا ناھىيەسىدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئالغان چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى 2016‏-يىلى ئۆكتەبىردە مەزكۇر كۆمۈر گاز زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنىڭ 2‏-باسقۇچلۇق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار كارخانىلار مۇھىت ۋە پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە ئالاقىدار بۇ قۇرۇلۇشلاردا يەرلىك خەلقنى قانچىلىك خەۋەردار قىلدى؟ ئۇلارنىڭ قانچىلىك پىكرىنى ئالدى؟ غۇلجا ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، گاز زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مەن ئۇ گاز زاۋۇتى قۇرۇلغانلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن. تاڭ، ئۇقمايمەن ھەئە، كەچۈرۈڭ» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

مەزكۇر ناھىيەنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر تۇرغۇنى بولسا، «گاز زاۋۇتى زىيانلىق بولسا، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت تەدبىر قىلار» دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تۇرغۇن: ياق، ئۇ يەردە ئۇنداق ئىش يوق، مۇھىت ئۇنداق بۇلغىنىپ كەتكەن ئىش يوققۇ.

مۇخبىر: ھازىر ئۇ گاز زاۋۇتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتىمۇ؟

ئۇيغۇر تۇرغۇن: گاز زاۋۇتى تېخى ماڭمىدى. ئاۋۇ چۇلۇنقايدا ئۇ گاز زاۋۇتى. ھازىر بۇ ئوچۇق كان، ماۋۇ ئاچقان.

مۇخبىر: ئۇ يەرگىمۇ گاز زاۋۇتىدىن بىرنى سالىدىكەن دەيدىغۇ؟

ئۇيغۇر تۇرغۇن: ئۇنى ئۇقمىدۇق. تاڭ، ئۇ يەرلىرىنى ئۇقمىدۇق. بۇ يەردىمۇ بۇ ئولتۇراق رايون. نۇرغۇن ئادەم بار. ئۇنىڭغىمۇ ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىدىغۇ بۇلغانسا. ئەمدى بىز يېزا ئادەملىرى بەزى ئىشلارنى تازا چۈشىنىپ كەتمىدۇققۇ!؟

غەربنىڭ كۆمۈرىنى گازغا ئايلاندۇرۇپ، شەرقتىكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش پىلانى 2013‏-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىكى بەزى ئۆلكىلەردە كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشقا بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان ئىدى.

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش ھاۋاغا ناھايىتى زور مىقداردا كاربون دىئوكسىد قويۇپ بەرسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بۇنى «پاكىز ئېنېرگىيە» ياكى «يېڭى ئېنېرگىيە» دەپ ئېلان قىلغان.

دوكتور تۇرمەمەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنلىرىنى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل كونترول مېخانىزمى يوق ئىكەن. ئۇ، بۇ خىل تىزگىنسىزلىك ئادەمدە بۇلغىنىشقا بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، دېدى.

تۇرمەمەت ھاشىم مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا كەلگەندە قاراڭ، مەسىلەن، ياپونىيەدە بولسا ياپونىيەنىڭ مۇھىت قانۇنى بار. بۇ مۇھىت قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان، مۇھىتنى ئۆلچەيدىغان، مۇھىتتىكى گاز، سۇلارنىڭ قانداق ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ، ستاتىستىكىلاپ، دوكلات قىلىپ تۇرىدىغان مېخانىزم ياپونىيەدە ناھايىتى مۇكەممەل. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق ئىچىدىمۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق رايونلارنىڭكى، سۇ، ھاۋا، تۇپراق ۋە يەۋاتقان كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى تەكشۈرۈشنى خەلق ئىچىدىكى تەشكىلاتلار قىلىدۇ. بۇ يەردە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئاساسىي ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدايدىغان بىر مېخانىزم بار. ئەمدى خىتاينىڭ ئەھۋالىغا قارىساق، خىتايدا ھېچقانداق خەلق ئىچىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات بىر ئىش قىلالمايدۇ. خەلق ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى سۇنىڭ قانداقلىقى، ھاۋانىڭ قانداقلىقى، سەي-كۆكتاتنىڭ قانداقلىقى... بۇنىڭ ئىچىدە پايدىلىق-زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىلىق بىر ئىش قىلاي دېسە، خىتاي يول قويمايدۇ. قانۇن ناھايىتى گۈزەل، ئەمما بۇ نەرسىلەر ئىجرا قىلىنمايدۇ. »

خەلقئارا يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى 2014-يىلى 7‏-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئەگەر خىتاينىڭ پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 50 جايدىكى كۆمۈر گاز زاۋۇتى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشسە، ئۇنىڭ ھەر يىلى ھاۋاغا بىر مىليارد يۈز مىليون توننا كاربون دىئوكسىد قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ خىتاي ھەر يىلى ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان ئومۇمىي كاربون دىئوكسىد گازىنىڭ 8 دەن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.