توكيودا تەكلىماكاندىكى ئاتوم سىناقلىرىنى ھەققىدە دوكلات بېرىلىدۇ

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى «يىپەك يولى ئىلىم - پەن كۇلۇبى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى توكيودا «2012 - يىللىق تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاتوم سىناقلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

يىغىنغا «يىپەك يولى ئىلىم - پەن كۇلۇبى» ساھىبخانىلىق قىلىدىكەن.

يىغىندا، مۇناسىۋەتلىك ياپون مۇتەخەسسىسلىرى 2012 - يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئاشكارىلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ياپونىيەدىكى باشقا تەشكىلاتلار ھەمكارلاشقان.

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىم توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە ياپونىيە ساپپورو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تەبىئىي پەنلەر دوكتورى، فىزىكا مۇتەخەسسىسى جۇن تاكادا ئەپەندىم دوكلات سۆزلەيدىكەن.

پروفېسسور جۇن تاكادا خەلقئارادا تونۇلغان ئاتوم بومبىسى رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىش تەتقىقاتچىسى. ياپونىيە يادرو رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، 19 - نۆۋەتلىك ياپونىيە پەن - تېخنىكا قۇرۇلتىيى تەتقىقات ئالاقە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ياپونىيە تېببىي فىزىكا ئىلمىي مۇھاكىمە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

پروفېسسور جۇن تاكادانىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك نەشر قىلىنغان تەتقىقات كىتابلىرىدىن «دۇنيادىكى ئاتوم رادىئاتسىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جايلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش»،«توكيوغا يادرو قورال تېررورىنىڭ ھۇجۇمى»،«يادرو پارتلىتىش ئاپەتلىرى» ۋە شۇنداقلا «يادرو ئېنېرگىيىسى ۋە يەر تەۋرەش» قاتارلىق كىتابلىرى، كۆپلىگەن تەتقىقات ماقاللىرى بار.

فىزىكا مۇتەخەسسىسى جۇن تاكادا ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيەدىكى ھوسۇللۇق تەتقىقاتچىلاردىن بىرى.

خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر زېمىنىدا 1964 - يىلىدىن 1996 - يىلىغىچە يەر يۈزى، ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر ئاستى بولۇپ جەمئىي 46 قېتىم يادرو پارتلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارغان.

جۇن تاكادانىڭ مۇشۇ يادرو سىناقلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى، 2009 - يىلى 3 - ئايدا، ياپونىيە تېببىي پەنلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ يادرو سىناقلىرى: يىپەك يولىدا يۈز بەرگەن يەر يۈزى يادرو پارتلىتىش ئاپەتلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابى ئىنگلىز، ياپون ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.

جۇن تاكادانىڭ بۇ تەتقىقات كىتابى ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

فىزىكا مۇتەخەسسىسى جۇن تاكادا خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى سىناقلىرى سەۋەبىدىن ئۇچۇپ كەلگەن يادرو زەرىچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان رادىئاتسىيە تەسىرى ئۈستىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ياپونىيەلىكلەردىن بىرىدۇر.

ئۇ، شۇنداقلا ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنىڭ قۇربانى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە بىردىن - بىر كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان كىشى.

بۇ قېتىمقى جۇن تاكادانىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىدا 2012 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ياپونىيە خەلقىگە ۋە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىكەن.

يىغىندا يەنە تەكلىماكان ئويمانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان 46 قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىناقىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرى ئۈستىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بىز مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور نۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدۇق.