خىتايدىكى چۆللىشىش مەسىلىسىنىڭ سىياسىي داۋالغۇشلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىش. 2015-30-نويابىر، بېيجىڭ.
خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىش. 2015-30-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدە مۇشۇ بىرقانچە ئايدىن بېرى كۆرۈلۈۋاتقان ئېغىر تۇمانلىق ھاۋا خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى يەنە قايتىدىن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش ۋەزىيىتى جىددىي بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئەسلىگە ئەكېلىشنىڭمۇ بەك مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى دۆلەتتە جىددىي بىر سىياسىي داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان ئامىل، دەپ قارىماقتا. مەسىلەن، مەركىزى ئەنگىلىيەدىكى «يەرشارىۋىي خەۋپلەرنى بايقاش» ناملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تور بېتىدە يېقىندا «خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان قۇملۇقلىرى ئەڭ زور سىياسىي خەۋپ» تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى چۆللىشىش مەسىلىسى ھازىر بېيجىڭ ئۈچۈن ئەڭ زور مەسىلە بولۇپ، چۆللۈك كۆلىمىنىڭ زورىيىشى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلماقتىكەن.

بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا 1949-يىلىدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن تەبىئىي ئورمانلار ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە چۆللىشىش، قۇملىشىش سۈرئىتى تېزلاپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى بايقاپ، قايتىدىن ئورمان بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەملىك دەرەخ تىكىش ھەرىكىتى قوزغىغان. «يېشىل تام قۇرۇلۇشى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ھەرىكەت 1978-يىلى باشلىنىپ ھازىرغىچە 66 مىليارد تۈپ دەرەخ تىكىلگەن. بىراق، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئېيتىلىشىچە، بۇ تىكىلگەن دەرەخلەر چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى يەنىمۇ تېزلىتىۋەتكەن. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى تېز چوڭىيىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ زېمىننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمەيدىغان قارىغاي ۋە ئاق تېرەك تۈرىدىكى دەرەخلەرنى تىكىش بىلەن بىرگە، شۇ جايدىكى تۇپراقنى تۇتۇپ تۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان ئاق جىغان قاتارلىق يەرلىك يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى يۇلۇۋەتكەن. قارىغاي ۋە ئاق تېرەك دەرەخلىرى ناھايىتى كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدىغان دەرەخلەر بولۇپ، ئەسلىدىلا ئىنتايىن قۇرغاق بولغان بىر زېمىنغا بۇنداق دەرەختىن مىلياردلارچىنى تىكىش يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئەسلىدىكىدىن ئون ھەسسە چوڭقۇر ۋە تېز سۈمۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە بۇ قىسقا يىلتىزلىق ئوت-چۆپلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چۆللىشىشنى يەنىمۇ تېزلىتىۋەتكەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان قۇم بورانلىرى ۋە ئۇ سەۋەب بولۇۋاتقان بۇلغانغان ھاۋانىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مانا مۇشۇ ئىكەن.

ئۇلار دوكلاتىدا، خىتايدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان چىرىكلىكنىڭ خىتايدا ئىچكى مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولىدىغان ئەڭ زور ئامىللىقىنى بىلدۈرۈپ «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھىت بۇلغىنىشى سەۋەب بولغان مۇقىمسىزلىقنىڭ جىددىي تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا» دېگەن.

يۇقىرىدىكى بۇ ئورگاننىڭ ماقالىسىدە ئورۇن ئالغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى مۇھىت مەسىلىسى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، گوبى چۆللۈكى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ دائىرىسى بارغانچە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، چۆللىشىش ھاۋا بۇلغىنىشى بىلەن بىرگە سۇ مەنبەلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدەك مەسىلىلەرنىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئەپ كەلمەكتىكەن.

بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە «زېمىن بولماي تۇرۇپ، ھاياتلىق بولمايدۇ-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىتنى قوغداش ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى» ماۋزۇسىدا بىر دوكلات تەييارلىغان ئىدى. دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىسى ھېنرىي شاجەسكى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى ئاساسلىق ئۈچ كاتېگورىيەگە يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۇيغۇر رايونىدىكى يادرو سىناقلىرى تۈپەيلىدىن بۇلغانغان تۇپراق ۋە بۇنىڭ خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيىنى. ئىككىنچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سۇ، ھاۋا ۋە تۇپراققا كۆرسەتكەن تەسىرى، ئۈچىنچىسى، خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى.

ئەنگىلىيىدىكى «يەرشارىۋىي تەھدىتلەرنى بايقاش» تەتقىقات ئورنىنىڭ بۇ ماقالىسىدىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنىڭ خىتايدىكى چۆللىشىشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقانلىقى، ھەر ئىككىلا جايدا يەرلىكنىڭ ئەسلىدىكى ياشاش شارائىتلىرىنىڭ ھەم بۇ چۆللىشىش ھەم ياشاشقا بولىدىغان جايلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىشى سەۋەبىدىن نارازىلىق كەپ چىقىۋاتقانلىقى يېزىلغان ۋە مۇنداق دېيىلگەن : «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ سىقىپ چىقىرىلىپ چەت ياقا جايلاردا ياشاشقا مەجبۇرلىنىشى ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئاشۇرىدىغان باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى مۇقىمسىزلىق گۇمانلىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ ۋە رايونغا يەنىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە يەنىمۇ كۆپ بېسىم سىياسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 7-ئايدا ئېلان قىلغان يۇقىرىدىكى دوكلاتىدا، دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىت مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىشىنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئۆز سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا زىيان بېرىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا ئۆز زېمىنىدىكى مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىدە ھېچقانداق سۆز ھەققى ياكى بۇ ھەقتىكى قارارلارنى ئېلىش ھەققى بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى سۇنغان: ئۇلار، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىكتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ بېكىتىلىشىدە ئورۇن ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش، بۇ ھەقتە ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇنازىرە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىش، نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى، يېزا ئىگىلىككە دائىر سىياسەتلەردە سۆز بېرىلىشى، ھۆكۈمەت سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتى مەسىلىسىدە تەڭپۇڭلۇقنىڭ ساقلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىدىكى يەرشارىۋىي تەھدىتلەرنى بايقاش» ئورگىنى ماقالىسىدە، ھازىر ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارنىڭمۇ مانا مۇشۇ مۇھىت مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ موڭغۇللارنىڭمۇ خۇددى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاپ قېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن بېشى ئاغرىپ تۇرغاندا موڭغۇللارمۇ بۇنداق ھەرىكەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن كۈچ ئېلىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «قەدىمدە سەددىچىن سېپىلىنىڭ كۈچى موڭغۇللارنى توسۇشقا يەتمىگەن ئىدى، قارىماققا يېشىل تاملارنىڭمۇ كۈچى يەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ» دەپ يازغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت