ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ، ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﮔﯚﺭﯛﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﺪﻯ

2008-04-19

11‏- ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻛﺎﺑﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﯞﺍﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﺧﻪﻳﺒﻪﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ، ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﺰ-ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.


  پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىسى تارىق ئەزىزىدىن، شەنبە كۈنى ئەل-ئەرەبىيە تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەن بىر سىنئالغۇ لىنتىسىدا، تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تالىبانلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

پاكىستان ھۆكۈمىتى تېخى ئۇنىڭ تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىدى. لېكىن باش ئەلچىنىڭ، تۈرمىدىكى سەپداشلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىۋاتقان قوراللىق بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پاكىستاننىڭ ئافغانىستان باش ئەلچىسى، تېلېۋىزوردىكى باياناتىدا، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى تېزدىن تالىبانلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، پاكىستان تۈرمىسىدىكى مۇسۇلمانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونى ناھايىتى خەتەرلىك بىر رايون بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ رايوندا ئونلىغان كىشىلەر ھەر قايسى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان باش ئەلچىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشى، پاكىستاندىكى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتكە يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن.

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

ﻛﺎﺑﯘﻟﺪﺍ ﭘﺎﻫﯩﺸﯩﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻳﺎﻝ 11 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ

ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ

ﻛﺎﺑﯘﻟﺪﺍ ﭘﺎﻫﯩﺸﯩﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻳﺎﻝ 11 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ

ﻛﺎﺭﺯﺍﻱ، " ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ" ﺩﯦﺪﻯ

ﻗﻪﻧﺪﻩﻫﺎﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻫﺒﯘﺱ ﻗﺎﭼﺘﻰ

ﻗﻪﻧﺪﻩﻫﺎﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻫﺒﯘﺱ ﻗﺎﭼﺘﻰ

ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ

ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﻫﯩﺸﯩﺨﺎﻧﺎ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﭘﺎﻫﯩﺸﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ

ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ 'ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ' ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺪﻯ

ﺧﯩﺘﺎﻱ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﻝ - ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﺎﻣﺪﯗ ؟