ھامىد كارزاي سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

2008-04-27

4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدە دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پاراتنى كۆزىتىۋاتقان پرېزىدېنت ھامىت كارزاي تۇيۇقسىز زەربىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىككى نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغا توققۇز ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە بىر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.


 ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك خادىملىرى كارزاي ۋە باشقا ئەربابلارنى دەرھال مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ھەمدە ھۇجۇمچىلارنى نەق مەيداندا قورشىۋېلىپ يوقاتقان، بەزىلىرىنى قولغا ئالغان.

 بۇ دەل ئافغانىستان دۆلەت ناخشىسى ياڭراپ، بايراق چىقىرىلغان پەيت بولۇپ، رەئىس سەھنىسىدە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ھەر قايسى ئەل ئەلچىلىرى ھەم ھەربىي قوماندانلار جايلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئەلچىسى شۇنىڭدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانى قاتارلىق شەخسلەرمۇ بار ئىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پارات بىكار قىلىنغان بولۇپ، مەيدان قامال قىلىنغان. شۇ كۈنى ھامىت كارزاي تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تالىبان قالدۇق قوراللىق قوشۇنلىرىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىمقى ھامىد كارزايغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئۆزلىرى ئۇيۇشتۇرغانلىقى، ئالتە ئادەمنى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

21 ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻥ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﻧﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ

ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ - ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ

ﻫﺎﻣﯩﺪ ﻛﺎﺭﺯﺍﻱ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ

ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﻮﺭﺟﯩﺘﺎﯞﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻳﺎﯞﺭﻭ - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ

ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺯﺍﻛﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ (2)

ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﯩﺪﻯ

ﺋﺎﺷﺨﺎﺑﺎﺗﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ

ﺋﺎﺷﺨﺎﺑﺎﺗﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﺶ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ

ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻤﻪﻛﭽﻰ


 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org