ھەر قايسى ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسمى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مول پەننىي ۋە دىنىي بىلىملىرى بىلەن قەشقەر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن خەلقنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «قەشقەر تىل-تېخنىكا مەكتىپى» نى قۇرغان، قەشقەر شەھىرىدىكى توققۇزتاش مەسچىتىنىڭ خاتىپى، 78 ياشتىن ھالقىغان ئاتاقلىق ئۆلىما ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ بىر ئاي ئىلگىرى قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىرىنچى باشقارمىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالدى بىلەن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ھازىر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى باتۇر، يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تىجارەتكە بارغاندا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ خىتاي قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىر ئاي ئىلگىرى قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، يېقىندا قەشقەرگە تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ كەلگەن، ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان تومارىس خانىم ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىدىن بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىنى بىلدۈردى.
بىز يۇقىرىقى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قەشقەردىكى ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ساقچى بۇ ئىشتىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھازىر تۈركىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغىنىمىزدا، بۇ كىشى ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرى قەشقەردە ئابلىمىت داموللا ھاجىم بىلەن ھەمسۆھبەتلەردە بولغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھامۇت ھاجىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئابلىمىت داموللا ھاجىمنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئابلىمىت داموللا ھاجىم 1939-يىلى قەشقەرنىڭ ئوپال يېزىسى بۇلاقبېشى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئۆلىمالاردىن ئابدۇرېشىت قارىھاجىم ۋە ئاتۇشتىكى بىر قىسىم دىنىي ئۆلىمالاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئەرەب، پارس، ئوردو ۋە تۈرك تىللىرىغا مۇكەممەل بولغان، ئىسلام ۋە ئۇيغۇر تارىخىي توغرىسىدا بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.