بۇلتۇر ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىنى زىلزىلىگە سالغان بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئايدىڭلاشتى. ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە شايا ناھىيىسىنىڭ يېڭى مەھەللە يېزا سېرىقئېرىق كەنتىدىكى خانىقا مەسچىتىدە يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 15-يانۋار كۈنى سەھەر سائەت 3 بىلەن 5 ئارىسىدا خانىقا مەسچىتىنىڭ يېنىغا ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەن 3 كىشى، مەسچىتنىڭ قورۇسىغا تىكلەنگەن خىتاي دۆلەت بايرىقىنى يىقىتقان ۋە بايراقنى يىرتىپ مەسچىت قورۇسىدىكى ئۈزۈم دەرىخىنىڭ شېخىغا ئارتىپ قويغان. ئارقىدىن ئۇلار نامەلۇم ئەسۋاب بىلەن ئاياق ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ، مەسچىتتىن ئۇزاقلاشقان. بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايراق ئوغرىلاش ۋەقەسى، خەلق ئىچىدە بولسا بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسى دەپ ئاتالغان.
ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدىن ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاڭلايسىلەر.