ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خوتەن ناھىيە باغچە بازىرىنىڭ سادىقئاۋات كەنتىدە بىر ساقچى خادىمىنىڭ پىدائىيلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
رادىئويىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا سادىقئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىننىڭ 9-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن غايىبلىقى ۋە دېلونى پاش قىلىش ئۈچۈن خوتەندە كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى.
مۇخبىرىمىز بۈگۈن مەزكۇر تەۋەلىككە قايتا تېلېفون قىلىپ دېلونىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بەرگەن باغچە بازارلىق ساقچىخانا ۋە ئورمان ساقچىخانا خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 3 ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، رازۋېدچىكلارنىڭ دېلونى تېخىچە پاش قىلالمىغانلىقىنى، غايىب ئىمىن مەمتىمىن ۋە ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىپ قاچقان گۇماندارلاردىن ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.