بىرقانچە كۈندىن بېرى خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاغىلىق ناھىيىسىدە ئۆتكەن ھەپتە بىر بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ساقچى باشلىقىمۇ ئىچىدە بىرقانچە ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن نەق مەيداندىن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقەنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە ئەمەس، گۇما ناھىيىسىدە، يەنى گۇمىنىڭ كۆكتېرەك يېزا 23-كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى ئېنىقلاندى ۋە ۋەقەدە گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 45 ياشلىق غەيرەت مامۇتنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى ساقچىلار تەرىپىدىن دەلىللەندى.
ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنى 10-سېنتەبىردە ساقچىلارنىڭ بىر گۇماندارنىڭ ھويلىسىدىكى گەمىنى تەكشۈرۈۋاتقان چېغىدا يۈز بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغايسىز.