پەيزىۋات تېرىمدا ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە شىۋېتسىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە ۋەقەنىڭ بىر ئاي ئاۋۋال بىر مەسچىت ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكى، ئوق چىقارغان خادىمنىڭ پەيزىۋاتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاتۇشلۇق بىر ساقچى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ باشقا تەپسىلاتى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز پەيزىۋاتقا تېلېفون قىلىپ ئاھالە ۋە ساقچى خادىملىرىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدى. نەتىجىدە مەزكۇر ۋەقەنىڭ بىر جۈمە كۈنلۈكتە يۈز بەرگەنلىكى پەيزىۋاتنىڭ گۈللۈك يېزا ساقچىخانىسىغا تەۋە بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

پەيزىۋات تېرىم مەسچىتى ئالدىدا ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ، بىر خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت ئالدىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا داۋام قىلغان تالاش-تارتىشنىڭ تەپسىلاتى، شۇنداقلا ۋەقە سادىر قىلغان خىتاي ساقچىسى بىلەن ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېنىق كىملىكى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز نىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.