ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر نەپەر قازاق ئاز دېگەندە 6 ئايدىن 3 يىلغىچە كېسىلگەن بولۇشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.03.29
mekit-kolliktip-sot.jpg 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا تېررورچى قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، مەكىت ناھىيىسىدە ئېچىلغان كوللېكتىپ سوت مەيدانىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 10-ئىيۇن.
Oqurmen teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش، يۇقىرى بېسىملىق تەھدىت ھالىتىنى ساقلاش ھەرىكىتىدە، ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قاتتىق زەربە بېرىش، قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقانلارنى پاش قىلىش، قاتتىق جازالاشنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا 11 كىشىنىڭ قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان دەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى، گەرچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆت خىتايغا توختىتىپ قويۇشتەك يېنىك ھالدىكى مەمۇرىي جازا بېرىلگەن بولسىمۇ، قالغان ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر نەپەر قازاققا خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە تېررورلۇققا قارشى قانۇنلىرى بويىچە ئېغىر جازا كۆرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما، بېكىتكەن جازا مۆھلىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھەر بىر جىنايىتىگە ئاز دېگەندىمۇ 6 ئايدىن 3 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى 2016 يىلى-1 ئايدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى»، «تېلېفون ۋە ئالاقە تور ئابۇنىلىرىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى»، «توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى»نى يولغا قويغان ئىدى.شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن قاتتىق بىر تەرەپ قىلغان تىپىك 11 دېلودىكى6 نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق كىشىنىڭ ئۇشبۇ قانۇن ماددىلىرىغا ئاساسەن ھەمدە خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە جازالانغانلىقى مەلۇم.

دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئۇلارنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە قانۇنسىز ۋەز ئېيتىشقا ئالاقىدار سۈرەت، ئۈن-سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرگەنلىكى، تارقاتقانلىقى، كومپيۇتېردا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئېلېكترونلۇق كىتابلارنى ساقلىغانلىقى پاش قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قولغا ئېلىنىپ سوتلانغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارغا بېكىتكەن جازا ۋە ئىجرائاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سوتنىڭ تەرتىپكە ماس، ئادىل بولغان-بولمىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە ئەندىشە ۋە گۇمانلار قوزغىماقتا ئىدى.

بىز يۇقىرىقى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغان 6 نەپەر ئۇيغۇر ۋە 1 نەپەر قازاقنىڭ سوت پائالىيىتىنىڭ ئەدلىيە قانۇن ئۆلچەملىرىگە ماس بولغان-بولمىغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاينىڭ ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن توسقۇنلۇق ۋە رەت قىلىشلارغا ئۇچرىغان بولساقمۇ، ئاخىرى،  بىر ئادۋوكات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئالدى بىلەن بۇ جازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ كىملىكى ۋە كېسىلگەن جازالىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەل ئاخبارات ئورگىنى ھېسابلانغان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ ئۆزىگە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلاشتەك ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ئارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇنداقتىمۇ بۇلارنىڭ سوتىنىڭ ھازىرقى بەلگىلەپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇن بەلگىلىمىلەر بويىچە، سوت تەرتىپىگە ماس ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، دەلىل-ئىسپاتنىڭ قانۇنلۇق توپلانغانلقىنى، جىنايەت بېكىتىشتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتىنىڭ 120-ماددىسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 6 خىل ماددىسى بويىچە جازا كېسىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ ئادۋوكاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ئەسلى دىنغا ئائىت 14 خىل جىنايەت بار ئىدى، ئالدىنقى رېندا (خەلق قۇرۇلتىيى) دا بۇ جىنايەتلەرنى 6 خىل جىنايەت قىلىپ بېكىتكەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە :

دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش.

  1. مىللىي ئۆچمەنلىككە، مىللىي كەمسىتىشكە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇشقا قۇترىتىش.
  2. مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىن ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىش.
  3. دىنلار ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش، ئوخشاش بولمىغان دىنلار ئوتتۇرىسىدا ياكى شۇ دىننىڭ ئۆزىدە ئىختىلاپ پەيدا قىلىش.
  4. ئىجتىمائىي ئەخلاققا ياكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە خەۋپ يەتكۈزۈش.
  5. قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا مەزمۇنلار.


-بۇ كاتېگورىيە چۈشىدىغان جىنايەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئاز دېگەندە 6 ئايدىن يۇقىرى، 3 يىلدىن تۆۋەن جازا بېرىلىدۇ.

سوتقا قاتناشقان بۇ ئادۋوكاتنىڭ دېيىشىچە، گەرچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ 6 نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق سوت جەريانىدا ئۆزىنى گۇناھسىز دەپ، بېكىتكەن جىنايەتنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما سوتتا پاش قىلغۇچىلار كۆرسەتكەن پاكىتنى ئېتىراپ قىلغان. سوتتا شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىگە، ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ۋاكالەتچىسىنى ئاقلاشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتىپ «ئەسلى بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئىشتى، ئەمما سوتتا كۆرسەتكەن پاكىتنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىنلا جىنايىتىنى كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈپ قالپاقنى كىيدۈرۈپ جىنايىتىنى بېكىتىپ چىقىدىغان گەپ. ئەمەلىي پاكىتنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قارشى چىقسا قانۇنغا قارشى چىققان بولىدۇ،» دېدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ياش ئادۋوكات بۇ دېلولارنىڭ ئاساسەن جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ئېنىقلىغانلىقىنى، ئۆزىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 17 دېلوغا چېتىشلىق دېلونى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قانۇنلىرىنىڭ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارنىڭ يەنىمۇ ئادالەتسىزلىك بىلەن ئېغىر جازالىنىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى، سىياسىيلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ مۇقەرەرلىكىنى بىلدۈردى ۋە شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە خىتاي تەرىپىدىن جازالىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ سوتىغا ئوخشاش، يۇقىرىقى جازالانغانلارنىڭ سوتىنىڭمۇ ئادىل بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇچۇر تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۇچۇر تور ئىشلەتكۈچى بىلەن كېلىشىم تۈزگەندە ياكى مۇلازىمەت قىلىشتا، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى يەنى رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرى، نامى، باش سۈرەت ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. تور ئىشلەتكۈچىلەر ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىن ئەتمىسە، ئۇچۇر تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئۇلارغا ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىشقا بولمايدۇ. دېمەكچى تور ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلار دائىرىلەرنىڭ مۇقىم كۆزىتىشى ئاستىدا بولۇپ مەسىلە بايقىغان ھامان مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى ساقلاپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ھەر بىر تور بولۇقلىرىدا تور ساقچىلىرى ۋە ئامما بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشنى سىستېمىلاشتۇرغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقاتقانلارنى بۇ قېتىم ئاممىنىڭ پاش قىلغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇ خىل نازارەت قىلىش ۋە چەكلىمىلەرنىڭ تور ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى بوغۇپلا قالماي، يەنە كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگىمۇ دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئىجتىمائىي تەرتىپنىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكىچە ئىشەنچنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ نۆۋەت خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى خەۋەر قىلىپ تارقاتقان قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتقان دەپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك 11 كىشىنىڭ ئىچىدىكى 1-سى «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ج xx زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئالاقىدار ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ساقلىغان، تارقاتقان. 2017-يىل 28-يانۋار، ج xx (ئەر، قازاق، 48 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن). تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قانۇن بويىچە ج xx نى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرغان» دەپ كۆرسىتىلگەن، بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، يەنە بىر قازاققىمۇ ئېغىر جازا كۆرۈشى ۋە بۇنى خەۋەرلىرىدە ئەڭ ئالدىغا تىزىشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر نۇقتا بولۇپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى: «بۇ، دائىرىلەرنىڭ ئاپتونوم رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورلۇققا قارشى قانۇنلىرىنى، توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشقا دائىر نىزاملىرىنى، ئەگەر دىنغا ۋە خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغانلا بولسا، ئۇنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئوخشاش تەدبىقلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.