0:00 / 0:00
بىز ئۆتكەن ھەپتە غۇلجا دادامتۇدا ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن بالىلار مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسى، ۋەقە ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مۇخبىرىمىز خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى سوت ھۆكۈمىگە قارىتا نورۋىگىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ئادۋوكاتلاردىن بەختىيار ئۆمەرنىڭ قاراشلىرىنى سورىدى. بەختىيار ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر سوت ھۆكۈمىدە مۇھىم بىر پاكىتقا كۆز يۇمۇلغانلىقىنى، يەنى خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەب بولمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇلارنى جازالىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بەختىيار ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغايسىز.
