پوسكام كۈيباغدىكى ۋەقەدە پىدائىيلاردىن 6 نەپىرى ئۆلگەن، 20 نەچچىسى يارىلانغان

0:00 / 0:00

پوسكامنىڭ كۈيباغ يېزىسىدا 23-ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ دىنىي زات ۋە ساقچىلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدا، ۋەقەنىڭ جىگدەجاي كەنتىگە تەۋە بىر سايلىقتا يۈز بەرگەنلىكى ۋە ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پىدائىيلار سانىنىڭ 30 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جىگدەجاي كەنتىنىڭ مۇقىملىققا مەسئۇل سېكرېتارىنى زىيارەت قىلدى. سېكرېتار ۋەقەدە پىدائىيلاردىن 6 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 20 نەچچە نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىدارلارنىڭ پوسكام ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى پاش قىلدى.

مۇخبىر: سىز بۇ جىگدەجاي كەنتىنىڭ مۇقىملىققا مەسئۇل سېكرېتارىمۇ؟
سېكرېتار: شۇنداق، مەن شۇ؛ 10 يىلدىن بېرى مۇشۇ ئىشنى قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

مۇخبىر: كەنت تەۋەلىكىڭلاردا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر؟
سېكرېتار: شۇنىڭدىن كېيىنلا كېچە-كۈندۈز نۆۋەتتە تۇرۇپ كەنتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا كوچا چارلاش ئېلىپ باردۇق ۋە ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ مۇقىملىق تەشۋىقاتى ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن سايلىق كەنت ئىشخانىسىدىن قانچىلىك ئۇزاقلىقتا؟
سېكرېتار: ئۈچ كىلومېتىر.

مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى، قانچە كىشى يارىلاندى؟
سېكرېتار: ئالتە كىشى ئۆلدى، 20 نەچچە كىشى يارىلاندى.

مۇخبىر: ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش قانداق ئەھۋالدا، قانداق جەرياندا يۈز بەردى.
سېكرېتار: ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئېلىشىپ ھەم ئۆزلىرىنى پارتلىتىۋېلىپ ئۆلدى.

مۇخبىر: ساقچىلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى پارتلىتىۋالغان گەپمۇ، ساقچىلارنى ئۆزى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟
سېكرېتار: ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ شۇنداق بولدى دەپ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: نەق مەيدانغا سىز باردىڭىزمۇ؟
سېكرېتار: نەق مەيدانغا بارمىدىم، كەنتتە تۇرۇپ ۋەزىپە ئۆتىدىم.

مۇخبىر: ئەسلىدە مۇقىملىققا مەسئۇل سېكرېتارلار بۇنداق ئىشلاردا نەق مەيدانغا ئاپىرىلىدىغان، بۇ قېتىم سىزنى ئاپارمىدىمۇ؟
سېكرېتار: بىز كەنتنىڭ ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلگەچكە، كەنتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىدۇق.

مۇخبىر: گۇماندارلارنىڭ قانداق بايقالغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بولدىمۇ؟
سېكرېتار: ئايروپىلان بىلەن كۆزىتىش جەريانىدا بايقالدى دەپ ئۇقتۇق، يىغىندا.

مۇخبىر: ئۇلار بايقالغان ئورۇندا نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانىكەن، يىغىندا ئۇقتۇرۇلۇشىچە؟
سېكرېتار: بەك قېتىنى ئېچىپ ئۇقتۇرمىدى، شۇ يەرنىڭ ئاستىنى كولاپ، شۇ يەردە بىر نەرسىلەرنى ياساپ مەشىق قىلىۋاتقان گەپنى قىلدى.

مۇخبىر: ۋەقەدە ساقچىلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار بولمىدىمۇ؟
سېكرېتار: بۇنى ئاڭلىمىدۇق، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمىدى.

مۇخبىر: ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار قانداق بىر تەرەپ قىلىندى؟
سېكرېتار: يارىدارلارنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا توشۇدى.

مۇخبىر: قاغىلىق ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا ئاپاردىمۇ، پوسكام ناھىيىلىكمۇ؟
سېكرېتار: پوسكام ناھىيىلىك چوڭ دوختۇرخانىغا.

مۇخبىر: جەسەتلەرنىچۇ؟
سېكرېتار: شۇ يەرگە كۆمۈۋەتتى دەپ ئاڭلىدۇق.

مۇخبىر: كۆمۈۋەتتى دېگەن بۇ گەپنى ساقچىلاردىن ئاڭلىدىڭىزمۇ، كادىرلاردىنمۇ ياكى جەمئىيەتتىنمۇ؟
سېكرېتار: جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىدىم، ساقچىلار بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىدى.

يۇقىرىقى بايانلاردىن قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ساقچىلار پىدائىيلارنى يىراقتىن قورشىغان ۋە يىراقتىن ئوق چىقارغان. پىدائىيلار، تەسلىم بولماسلىق ھەم ساقچىلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشمەسلىك مەقسىتىدە ئۆزلىرىنى پارتلاتقان.