ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-02-01
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولۇنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىر قۇربانجان قادىرنىڭ ئىقامەتنامىسى ۋە ئىپادەنامىسى.
خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولۇنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىر قۇربانجان قادىرنىڭ ئىقامەتنامىسى ۋە ئىپادەنامىسى.
RFA/Erkin Tarim

1-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، قولىغا كويزا سېلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا ئېلىپ مېڭىلغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە تېلېفون قىلدۇق. بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئايرودرومدىن خوڭكوڭ ئارقىلىق خىتايغا يولغا سېلىنىش ئالدىدا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن توسۇپ قېلىنغان. نەق مەيداندا ساقچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇنى توسۇپ قالغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سافاكۆي شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر ھاجى، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر-مەھمۇت ئىنايەت بىلەن قۇربانجان قادىرنىڭ ھازىر زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، قايتۇرۇش خەۋپىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى ئۇيغۇر بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر يېرىم يىل بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن. 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىستانبۇل رېينا رېستورانىدا 39 كىشىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچى ئابدۇقادىر ماشارىپوف تاكسى پۇلىنى ئالغان ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنى ساقچى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى. ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئاشخانىنى پېچەتلىۋەتكەن ئىدى. قۇربانجان ئابدۇقادىر بىلەن مەھمۇت ئىنايەت ئىسىملىك بۇ ئىككى ئۇيغۇر ساقچى پېچەتلىۋەتكەن ئاشخانىنىڭ پېچىتىنى بۇزۇپ كىرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن. بىراق ئۇلار بۇ ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمىغان. بىز بۇلارنىڭ ئىستانبۇل شېھىت بۈلەنت ئۈستۈن ساقچى ئىدارىسىدە 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بەرگەن ئىپادىسىنى قولغا چۈشۈردۇق.

قۇربانجان قادىر ناملىق گۇماندار جەبرايىل ئاجار ئىسىملىك ساقچىغا بەرگەن ئىپادىسىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ئەيىبلەنگەن جىنايەتتىن ساقچى ئىدارىسىگە كەلگەندىن كېيىن خەۋەردار بولدۇم. مەن ئىپادەمنى ئەركىن ئىرادەم بىلەن چالا تۈركچەم بىلەن بەردىم. تەرجىمان تەلەپ قىلمايمەن. مەن خىتاي ۋەتەندېشى تۈركىي مىللەت. مەن تۈركىيەگە بىر يېرىم يىل بۇرۇن قانۇنىي يول بىلەن كەلدىم. مەن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن كۆپ يەردە تۇردۇم ۋە ئىشلىدىم. مەن بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن زەيتىنبۇرنۇ نۇرى پاشادىكى مۆلچەر ئاشخانىغا كېلىپ، ئاشپەز لازىممۇ دەپ سورىدىم. ئاشخانا خوجايىنى ئاشپەز لازىم ئىكەنلىكىنى دېدى ۋە مەن بۇ يەردە ئىشلەشكە باشلىدىم. مەن تۈركىيەدە خىزمەت تېپىش ئاسان بولغاچقا يۇرتۇمغا قايتمىدىم. مەن ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقاندا ساقچى كېلىپ مېنى ساقچى ئىدارىسىگە ئاپاردى. مەن بۇ ئاشخانىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قاچان پېچەتلەنگەنلىكىنى ۋە بۇ پېچەتنى كىمنىڭ قاچان بۇزۇۋەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. مەن ئىشلەشكە باشلىغاندا ئاشخانا ئوچۇق ئىدى. مېنىڭ بۇ ئەيىبلەش ھەققىدە دەيدىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك.»

گۇماندار ساقچى ئىدارىسىدە بەرگەن ئىپادىنامىنىڭ ئاستىغا، ئىپادىنى يازغان ساقچى جەبرائىل ئاجار ۋە ئىپادە بەرگۈچى قۇربانجان قادىر قول قويغان.

بىز تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ئۇلاردىن جاۋاب ئالالمىدۇق.

مەزكۇر ۋەقەگە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بېرىلدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە بەزى ئۇيغۇرلار تۈرك ج خ ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ بۇلارنى ئايرودرومغا ئاپىرىپ، خىتايغا يولغا سېلىشقا تەمشىلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى. ئۇنداقتا، تۈركىيەدىكى سوتنىڭ قارارى بولماستىن، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا يولغا سېلىش قانۇنغا مۇۋاپىقمۇ؟ ئەگەر جىنايەت سادىر قىلغان ئۇيغۇر چىقىپ قالسا، خىتايغا قايتۇرۇشى قانۇنغا مۇۋاپىقمۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشتۇق.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت