كورلادا مىسىردىن قايتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز، كورلادا مىسىردىن قايتقان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇر يەتكۈزگەن، ئەمما مۇخبىرلىرىمىزنىڭ 3 ئايدىن بېرىقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلىشى داۋامىدا، كورلادىكى بىر كەنت سېكرېتارى، كورلادىكى چوڭ مەسچىتنىنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەن ئوغلى بىلەن، چارباغدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەن ئىنىسى ياسىنجاننىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرقانچىسى بۇ يىل 9-10-ئايلاردا رادئىئومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، كورلادا مىسىردىن قايتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. ئەمما مەكتۇپتا ئۆلگۈچىنىڭ ئىسمى ۋە نوپۇس تەۋەلىكى يېزىلمىغان بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز نەتىجىسىز قالغان ئىدى. بۇ ھەپتە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر ئاڭلىغۇچىمىز، كورلادا مىسىردىكى ئوقۇشتىن قايتىپ ئۆلگەن كىشىنىڭ ئىككى نەپەر ئىكەنلىكى، بۇنىڭ بىرى كورلا شەھەر ئىچىدىن ئىكەنلىكى، يەنە بىرسىنىڭ بولسا ئاۋات يېزىسىدىن ئىكەنلىكى، ئىسىملىرىنىڭ ئابدۇسلام مەمەت ۋە ياسىنجان ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بىز بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، بۇ ھەقتە تەكرار ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.

كورلانىڭ ئاۋات يېزىسىدا ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر كەنت سېكرېتارى، ئۆزى بىلەن بىللە ۋەزىپە ئۆتىگەن گۇرۇپپا كادىرلىرى ۋە ساقچى خادىملىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇسالام مەمەت كورلا شەھەر ئىچىدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ ئىمامىنىڭ ئوغلى؛ ياسىنجان بولسا، كورلا چارباغ تۈرمىسىدىكى بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئىنىسى. مەزكۇر سېكرېتارنىڭ بايان قىلىشىچە، ياسىنجان مەمەت گەرچە، خىتاينىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، مىسىردىن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ قاماقخانىغا سولىنىشتىن خالىي بولالمىغان. ئۇنىڭ تۈرمىدىكى بىخەتەرلىكىگە تۈرمە ساقچىسى ئاكىسىمۇ كاپالەتلىك قىلالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ياسىنجان تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇنىڭ ئاكىسى خىزمەتتىن توختىتىلغان.

بىز ياسىنجاننىڭ ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چارباغ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى، كورلادا يېقىنقى مەزگىللەردە ئىشتىن توختىتىلغان ساقچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ياسىنجاننىڭ ئاكىسىنىڭ كىملىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ۋە دىپلوماتىك قاناللىرىنى ئىشقا سېلىپ بەزى دۆلەتلەردىكى، بولۇپمۇ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك قاماقخانا ۋە تۈرمىلەردە ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە ئالغان جازالىرى ھەققىدە مەلۇمات يوق ئىدى.