شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى (7 A)

0:00 / 0:00

7-قىسىم (ئا): جاسۇسنىڭ تۈگىمەس پۇلى

2009-يىلى 4-ئىيۇندا سىتوكھولمدا ياشىغۇچى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس گۇماندارى قولغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ كىيىم ئىشكاپىدىن چىققان 110 مىڭ شىۋېت كىرونى نەق پۇل نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن بۇيان ھېچقانچە ئىشلىمىگەن ۋە باج تاپشۇرمىغان، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پۇلىغا تايىنىپ ياشىغان شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن كېسەللىك پېنسىيەسى ئېلىۋاتقان بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ يانچۇقىدىكى شۇنچە كۆپ نەق پۇل نەدىن كەلگەن؟

جاسۇس تۇتۇلۇپ بىر يىل بولمايلا سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى تەييارلىغان «8976-09ب» نومۇرلۇق سوت خاتىرىسىدە مۇنداق بىر قورقۇنچلۇق سان كىشىلەرنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ!

«ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان مەنبەسى ئېنىق بولمىغان 7 مىليون يۈەن پۇلى بولغان. ئەگەردە ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا تەمىنلەپ بېرەلىسە، خىتاي جاسۇسى لېي دا ئۇنىڭغا خىتايدىن بۇ پۇلنى ئېلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.»

شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس بىلەن لېي دا، يەنى «خەلق گېزىتى» نىڭ سكاندىناۋىيە ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مۇخبىرى دېگەن نام بىلەن شىۋېتسىيەدە ئاخبارات توپلاۋاتقان خىتاي ئوفىتسېرنىڭ سۆھبىتىنى مەخپىي ئاڭلاش جەريانىدا بۇ ئۇچۇرنى قولغا چۈشۈرىدۇ. بۇ ھەقتە شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى مۇتەسەسسىسى ۋىلھېلم ئۇنگې مۇنبۇلارنى بىلدۈرىدۇ:

«بىز ئۇلارنىڭ مەخپىي سۆھبىتىنى ئاڭلاش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بىرقانچە قېتىم جۇڭگو پۇلى ھېسابىدا 7 مىليون يۋەننىڭ گېپىنى تالاش-تارتىش قىلىشقانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ زور سوممىلىق پۇل ھەققىدىكى دېتال بىزنىڭ دىققىتىمىزنى چەكتى.»

شىۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسى بۇ يىل مارتتا تارقاتقان بۇ ھەقتىكى مەخسۇس رادىئو پروگراممىسىدىمۇ ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ خىتاي ئالاھىدە خادىمى لېي داغا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى 7 مىليون يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش تەلىپىنى قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ:

«62 ياشلىق جاسۇس گۇماندارى مۇخبىر قىياپىتىگە كىرىۋالغان خىتاي ئىشپىيۇنى بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈشتىلا ئۆزىنىڭ 7 مىليون يۈەن پۇلىنى خىتايدىن قايتۇرۇپ ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاتالمىش ‹مۇخبىر› ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ‹خەلق گېزىتى› دە ئىشلەيدىغان باشلىقى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلىشقا كۈچى يېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.»

سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 62 ياشلىق ئۇيغۇرنىڭ جاسۇسلۇق دېلوسى ھەققىدە 2010-يىلى 8-مارتتا چىقارغان سوت خاتىرىسىدىكى مۇنداق بىر نۇقتا كىشىلەرنى تېخىمۇ چۆچۈتىدۇ:

«خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ‹مۇخبىر› قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالاھىدە خادىمى لېي دا 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسقا خىتايدا قالغان 7 مىليون يۈەن پۇلىنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. ھالبۇكى، لېي دا خىتايدىن 7 مىليۇننى قايتۇرۇپ ئەكەلگەندە بۇ پۇلنىڭ تەخمىنەن 10-20% ئۆزى ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر جاسۇس بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان.»

سوت خاتىرىسىدىكى بۇ بايانلار، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئىككى يۈزىنى، يەنى ئۇلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز يانچۇقى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى، چوڭ جاسۇسلارنىڭ يەمچۈك تاشلاپ كىچىك جاسۇسلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلغان.

62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ يۇقىرىقى زور سوممىلىق تۈگىمەس پۇللىرىدىن باشقا، يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا 100 مىڭ ياۋرو پۇل ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىدەك دېتاللارمۇ شىۋېتسىيە سوتىدا ئاشكارا بولىدۇ.

سەپو خادىملىرى جاسۇسنىڭ كەينىگە چۈشۈپ مەخپىي تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى ئاڭلاش جەريانىدا، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا 100 ياۋرو پۇل بەرمەكچى بولغانلىقىدەك ئۇچۇرنى قولغا چۈشۈرىدۇ. سەپو خادىملىرى تەمىنلىگەن بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن شىۋېتسىيە سوتى ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ دېلوسىدا بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كۆپ كۈچەيدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سوتنى ياندىن ئاڭلىغانلىقىنى، سوتتا دەل مۇشۇ مەسىلىنىڭ نۇقتىلىق سورالغانلىقى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىسى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەخمەت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ، ئەينى چاغدا 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ مىڭلاپ ياۋرو ئىئانە قىلىپ، ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەم شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.

(7-قىسىمنىڭ بېشى تۈگىدى، داۋامى بار)