7- قىسىم (B): جاسۇسنىڭ تۈگىمەس پۇلى
شىۋېتسىيە سوتى ئاشكارا قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ «تۈگىمەس پۇلى» ۋە ئۇنىڭ گۇمانلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى مەزكۇر جاسۇسلۇق دېلوسىدىكى ئەڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
جاسۇس تۇتۇلۇپ بىرقانچە يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ سىياسىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان سەرخىللەر ئىنتايىن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلىمە قىلىشىدۇ.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان قۇربانجان مۇداش بۈگۈن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىسى ئارقىلىق جاسۇسنىڭ ئەينى چاغدا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سالغان سورۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
گۋەنتانامو تۈرمىسىدىن «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىلىپ، ئاۋۋال ئالبانىيەگە، ئاندىن شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەن ئادىل ھېكىمجانمۇ 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزىگە قانداق قىلىپ يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق ئەسلىمىسى بېرىدۇ.
شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، جاسۇسنىڭ ئەينى چاغدا شىۋېتسىيەدە يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىگە يېقىنلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى خىلمۇ-خىل بولغان. يېشى 60 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى دىنىي ئىسلامدىن ھېچقانچە خەۋىرى بولمىغان، ئۇيغۇرچىنى خىتايچە ئاھاڭ بىلەن بۇزۇپ سۆزلەيدىغان بۇ يوچۇن كىشىنىڭ جامائەتكە قوشۇلۇپ 5 ۋاق ناماز ئوقۇشى، تەبلىغ ئاڭلىشى، ھەجگە بېرىشى، ھەتتا ئوغلىغا ساقال قويدۇرۇشىدەك بىر قاتار ساختا «تەقۋادارلىقى» نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى ئۆزىنىڭ 2005-يىلى شىۋېتسىيەگە يېڭى كەلگەن چاغلىرىدا، 60 ياشلاردىكى بۇ كىشىنىڭ تاماق ئېتىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى بىلەن مەشھۇرلىقى، ھەتتا «بابۇر ئەتكەن لېغىرداق»، «بابۇر ئەتكەن پالانچى تاماق» دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جاسۇس تۇتۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سوئاللىرىنىڭ بىرى دەل ئۇنىڭ «تۈگىمەس پۇلى» ۋە «ئۆكسىمەيدىغان ئىئانە» لىرىدۇر.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئۆز ئەسلىمىسى بىلەن ئەينى چاغدا جاسۇسنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ھەر ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا «ئىقتىسادىي ياردەم قىلىمەن» دەپ يۈرگەنلىكىدىن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
شاھىتلار يەنە 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ شۇ يىللاردا شىۋېتسىيەدىكى بىر قىسىم «شەخس» لەرنىڭ ئايروپىلان بېلىتى ۋە باشقا چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە چاقىرىلغان يىغىنلىرىغا ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2007-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىندا چاقىرىلغان يىغىنىغا ئىقتىساد كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ۋەكىل ئەۋەتەلمىگەندە، «تۈگىمەس خەزىنە» گە ئىگە بۇ يوچۇن كىشىنىڭ مەيدىسىگە مۇشتلاپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
شاھىتلار يەنە شۇ يىللاردا 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا مۇنداق تەلەپ قويغانلىقىنى ئەسلەيدۇ:
«ئەگەردە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى، ئىسىم-فامىلىسى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى ماڭا بەرسەڭلار، مەن ئۆز مۇناسىۋىتىم ئارقىلىق شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا ئاتاپ يىلىغا 200 مىڭ كىرون پۇل ھەل قىلىپ بېرەلەيمەن.»
شىۋېتسىيە سوتى 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ دېلوسى ھەققىدە چىقارغان مەخسۇس خاتىرىسىدە ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئىقتىسادىي كىرىمى ۋە بانكا ھېساباتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتىدۇ:
«بابۇر مەخسۇتنىڭ 2005-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر يىللىق ئاساسلىق كىرىمى تەخمىنەن 60 مىڭ شىۋېت كىرونى بولغان. ئۇ 2005 يىلى شىۋېتسىيە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاسسىسىدىن 20 مىڭ كىرون بېقىلىش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن، 2006-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ھەر يىلى 50 مىڭ كىروندىن 70 مىڭ كىرونغىچە بېقىلىش پۇلىغا ئېرىشكەن.»
جاسۇسنىڭ شۇ چاغلاردا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا بولغان ئىقتىسادىي كىرىمى ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى شىۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسى يېقىندا تارقاتقان شىۋېت تىلىدىكى مەخسۇس پروگراممىمۇ تەستىقلايدۇ.
ئۇنداقتا، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە بېقىلىش سۇغۇرتىسى بىلەن ياشاۋاتقان 62 ياشلىق جاسۇسنىڭ خىتايدىن قايتۇرۇپ ئالماقچى بولغان 7 مىليون يۈەن پۇلى، تۇتۇلغاندا يانچۇقىدىن چىققان 110 مىڭ شىۋېت كىرونى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بەرمەكچى بولغان 100 ياۋروسى، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلماقچى بولغان تۈرلۈك سوممىدىكى ئاقچىلىرى شۇنداقلا ئۆزى بىلەن يېقىن ئارىلاشقان بىر قىسىم «شەخسلەر» گە ئېلىپ بەرگەن ئايروپىلان بېلەتلىرى ۋە ئۇلارغا تاشلىغان «يەمچۈك» لىرى زادى نەدىن كەلگەن؟ ئۇنىڭ توختىماستىن «ئالتۇن تۇخۇم» كاكىلايدىغان توخۇسى ۋە ياكى «تىللا تۆكۈلىدىغان» خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى زادى قەيەردە؟
(7-قىسىمنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى تۈگىدى، 8-قىسىم كېيىنكى ھەپتىدە بېرىلىدۇ)