قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمىدا ئۆلگەن-يارىلانغانلارنىڭ قىسمەن كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

22‏-ئىيۇن كۈنى قەشقەر قوغاننىڭ تاختاكۆۋرۈرك دېگەن جايىدىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە خىتاي تەرەپتىن ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ ئاز دېگەندە 18 كىشى، كۆپ بولغاندا 28 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلىشى داۋامىدا خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەن ئۈچ ساقچىنىڭ بىرىنىڭ جەنۇبى ئېغىز (نەنگئۈەن) ساقچىخانىسىنىڭ رەسمىي ساقچىسى، 42 ياشلىق ساتتار ھاجى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولىشىچە، بىرقانچە قېتىم خىزمەت ئورنى ۋە ۋەزىپىسى ئالماشقان ساقچى ساتتار ھاجىنى پىداىيلار ئاۋۋال ماشنىا بىلەن سوقۇپ، ئارقىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن.

يەنە مەلۇم بولىشىچە ھۇجۇمچىلار قەشقەر يېڭىشەھەر ۋە پەيزىۋاتتىن بولۇپ، ئۇلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى قەشقەر قوغانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار ئىكەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.