خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسى شەنبەبازار بازارلىق پارتكومنىڭ سابىق سېكرېتارى لۇروڭ، سېكرېتار بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن 7 يىل داۋامىدا يېزىدىكى 17 كىشىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، ئىككى نەپىرىنى مېيىپ قىلىپ قويغان.
لۇروڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۆزى ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغاندا يېزا مالىيىسىدىن 5 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگە قەدەر تۆلەم پۇلى ئاجرىتىپ ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى بېسىقتۇرغان. ئەمما مېيىپ قىلىنغانلاردىن مەمتىمىن مەتتوختىنىڭ دادىسى مەتتوختى رەجەپ، لۇروڭنىڭ پۇل بىلەن ئېغىزىنى تۇۋاقلاش چارىسىغا كۆنمىگەن. نەتىجىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا لۇروڭنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كومىتېت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە لۇروڭنىڭ 17 ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسىنى خىزمەت جەريانىدا سادىر قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت شەنبەبازاردىن يۆتكىۋېتىش «جازاسى» بەرگەن؛ يۆتكىگەندىمۇ ناھىيىلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىقىغا ئۆستۈرۈپ يۆتكىگەن.
5 يىللىق داۋاسىنىڭ بۇ خىل نەتىجىسىدىن خورلۇق ھېس قىلغان مەتتوختى رەجەپ بۈگۈن رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىدىكى زوراۋانلىق ۋە چىرىكلىكلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.
