يېڭىسار 9-فېۋرال پالتىلىق ھۇجۇمىدىكى ھۇجۇمچى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-02-28
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
قەشقەرنىڭ مەلۇم بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار. 2013-يىلى 9-نويابىر.
قەشقەرنىڭ مەلۇم بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار. 2013-يىلى 9-نويابىر.
AFP

يېڭىساردىكى ئالاقىدار ساقچى، نۆۋەتچى ۋە دوختۇرخانا خادىملىرى، 9‏-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن پالتىلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىكى ھۇجۇمچى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇماتلاردىن ھۇجۇمچىنىڭ 30 نەچچە ياش چامىسىدىكى ناۋاي مەمەت ئەلى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 8 پەرزەنتى بارلىقى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بولسا يېڭىسار ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ سېسترالار باشلىقى جاڭ سەيشيا، سېتىل يېزىلىق 3-كەنتنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئابدۇخالىق ۋە يېڭىسار دوختۇرخانىسى ئالدىدىكى ئىككى خىتاي دۇكاندار ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

يۇقىرىقىدەك چوڭ بىر ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن خىتاي ئاخباراتى، ئۇيغۇر رايونىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاتالمىش تىنچ ۋە ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىنى داۋاملىق تۈردە تەشۋىق قىلماقتا.

يۇقىرىقى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە بۈگۈن خەۋەر قىلىنىشىچە، ناھىيە ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان لى شياڭگو ئالدىنقى كۈنى چولپان يېزا 9-كەنتتىكى 72 ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارغا سوۋغات تارقاتقان ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزمەكچى بولغان.

لى شياۋگو سوۋغات تارقىتىش داۋامىدا يەرلىك ئاھالىلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىلىرىدەك ئۆز-ئارا زىچ ئۇيۇشۇشىنى، تىنچلىقتا بىللە ئۆتۈش ۋە تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما ئۆز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن يۇقىرىقى ۋەقەنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشتا جاسارەتلىك بولۇشقا ئۈندىگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت